ئادەم بەدىنىدىكى 20 خىل سىگنال
1.قول داۋاملىق نەملىشىپ قېلىش: بۇ قالقانبەز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
2.قول قولىشىش ياكى قىچىشىش: ۋىتامىن يېتىشمىگەنلىكنى ياكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3.چاچ سارغىيىپ قېلىش: تۆمۈر ماددىسى ياكى ۋىتامىن B يېتىشمىگەنلىكتىن بېشارەت بېرىدۇ.
4.توساتتىن چاچ چۈشۈپ كېتىش: ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىك (مەسىلەن: ئەيدىز كېسىلى) گە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
5.پۇت بوغۇملىرى ئىششىپ قېلىش: دىئابېت، رېماتىزم، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
6.تېرىدىكى ئۆزگىرىش: تېرىدە ئۇششاق قاپارتقۇ، چاقا پەيدا بولۇپ قېلىش ياكى تېرىسىنىڭ بەزى جايلىرى قىزىرىپ قېلىش، قىچىشىش ھەم ئاسان ساقايماسلىق. بۇ دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
7.پاچىقى ئىششىپ قېلىش: بۆرەك كېسەللىكى ياكى جىگەر زەخىملەنگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك ئاجىزلىشىپ قالسىمۇ، پاقالچاق ئىششىپ قالىدۇ.
8.تىرناق ئاستى سۆڭىكى يوغىناپ قېلىش؛ قالقانبەز خىزمىتىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
9.توساتتىن ئاقساپ ماڭىدىغان ۋە پاقالچاق بۇلجۇڭ گۆشى بوشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ قېلىش: بۇ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
10.بېقىنىدا قولغا ئۇرۇنغىدەك قاتتىق مونەك پەيدا بولۇپ قېلىش: بۇ ياللۇغلىنىش بارلىقىدىن ياكى راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
11.جىنسىي ئەزاسىدىن زەرداب ياكى قان ئېقىپ قېلىش: بۇ جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. قىچىشىش بولسا كۆكەرتىش باكتېرىيىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
12.قورساقنىڭ ئاستى تەرىپى ئۇزاق ۋاقىت ئېسىلىپ قېلىش، ياكى قاتتىق ئاغرىش: بۇ سوقۇر ئۈچەينىڭ ياللۇغلىنىپ قالغانلىقىدىن ۋە ئۈچەينىڭ يارىلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
13.قورساق دائىم ئېسىلىپ قېلىش شۇنىڭ بىلەن بىللە دائىم يەل قويۇپ بېرىش: بۇ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
14.قولتۇق تېرىسى ئاستىدا قاتتىق مونەكچە پەيدا بولۇپ قېلىش: بۇ ياللۇغلىنىش بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن يەنە، لىمفا راكىغا ياكى ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن.
15.ئەمچەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە چىڭلىقىدا ياكى تېرىسىدە توساتتىن ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ قېلىش: بۇ ، ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
16.مۈرە ئېگىلىپ قېلىش: بۇ سۆڭەك يىگلەپ قېلىش (سۆڭەك بوشىشىپ كېتىش) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
17.جەينەكتە قاتتىق مونەكچە پەيدا بولۇپ قېلىش: جەينەك بوغۇمى بىلىنەر بىلىنمەس ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىش: بۇ كۆپ ھاللاردا رېماتىزم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
18.قول تىرنىقىدا ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ياكى ئىگىلىپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلۈش: بۇ كۆكەرتىش باكتېرىيىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن ياكى تەڭگە تەمرەتكە بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
19.بىلەك توساتتىن جانسىزلىنىپ، سېزىمىنى يوقىتىپ قويۇش ۋە باشقۇرغىلى بولماسلىق: بۇ يېنىك دەرىجىدە سەكتە كۆرۈلگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.
20.ئەمچەك تۈگمىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ قېلىش: بۇ، ئەمچەك كېسەللىكىگە، ھەتتا ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئەمچەك تۈگمىسىدىن قانغا ئوخشايدىغان ئاجرالما ئېقىپ چىققان بولسا، بۇ تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى.