قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ساقىيامدۇ؟
يېنىك دەرىجىدىكى قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ۋە مىكروبسىز مېڭە پەردە ياللۇغى بىمارلىرى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. مېڭە غولى خاراكتېرلىك مېڭە ياللۇغى ئەگىشىپ كەلگەن، جىددىي خاراكتېرلىك بوشاشقان پالەچ، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، ئۆپكە قاناش، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى زەئىپلىشىشنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى بىمارلاردا بەلكىم پۇت-قولدا ماغدۇر بولماسلىق، مۇسكۇل يېگىلەش، كىچىك مېڭە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، نېرۋا يېتىلىشى ئاستا بولۇش، يۇتۇش قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى قېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كېسىلى ئېغىر بولغان بىمارلار ۋاقتىدا داۋالانمىسا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟
ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇھىت تازىلىقى ئىنتايىن مۇھىم، كونكرېت ھالدا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قولنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئېغىز ۋە بۇرۇننى سىلاشتىن ئىلگىرى، يېمەكلىك يېيىش ۋە يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قوقاق ۋە نەپەس يولىدىكى ئاجراتمىلارنى تازىلىغاندىن كېيىن، زاكا ئالماشتۇرۇش ياكى گەندە قاتارلىق بۇلغانغان بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش.
- چۈشكۈرگەن ياكى يۆتەلگەندە قولياغلىق ياكى قەغەز بىلەن ئېغىز ۋە بۇرۇننى توسۇش، ئاندىن قەغەزنى پۇختا ئورىغاندىن كېيىن ئۈستى يېپىلىدىغان ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاش.
- باشقىلار بىلەن ئورتاق بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك.
- بىمارلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلماسلىق. (سۆيۈش، قۇچاقلاش قاتارلىقلار)
- بىمار ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى دائىم دېزىنفېكسىيەلەش.
- بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز بىلەن بىمارنىڭ چىقىرىندىلىرىنى تازىلاش ۋە ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەپ بۇلغىنىشتىن ساقىنىش.
- كېسەل بولغان بالىنى ئىمكانقەدەر كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە ئاپارماسلىق.
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ۋاكسىنىسى ھەققىدە
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ۋاكسىنىسى بارمۇ؟
نۆۋەتتە پەقەت ئۈچەي يولى ۋىرۇسى 71 تىپلىق (EV71) قا قارىتا بولغان بىر ۋالېنتلىق ۋاكسىنىلا بار، EV71 ۋاكسىنىسىنى ئېلىمىز مۇستەقىل ياساپ چىققان، ھازىر دۇنيا بويىچە بىردىنبىر بازارغا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋاكسىنا. باشقا ئۈچەي يولى ۋىرۇسى قان زەردابى تىپلىققا قارىتا تېخى ۋاكسىنا يوق، تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ.
EV71 ۋاكسىنىسى قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟
نۆۋەتتە بازارغا سېلىنغان EV71 ۋاكسىنىسى ئۈنۈملۈك ھالدا EV71غا مۇناسىۋەتلىك بولغان قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ۋە EV71 يۇقۇملىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا كېسەللىكلەر (مەسىلەن، قاپارتمىلىق ئانگېنا) قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، لېكىن باشقا ئۈچەي يولى ۋىرۇسى قان زەردابى (غەيرى EV71) كەلتۈرۈپ چىقارغان قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. EV71 بولسا ئېغىر بولغان قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەل قوزغاتقۇچى بولۇپ، بۇ ۋاكسىنا گەرچە بارلىق قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالمىسىمۇ، لېكىن قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئازايتىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى قانداق؟
ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسەن، EV71 ۋاكسىنىسى ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىگە قارىتا بىر قەدەر ياخشى بولغان مۇھاپىزەت قىلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، قوغداش ئۈنۈمى %90 تىن يۇقىرى بولغان.
EV71 ۋاكسىنىسى بىخەتەرمۇ؟
ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسەن، EV71 ۋاكسىنىسىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولغان بىخەتەرلىك ئۈنۈمى بار. بىر قىسىم بالىلار ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈنچە خاراكتېرلىك قىزىتما پەيدا بولۇش، قىسمەن قىزىرىش، ئىششىق، قېتىشىش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاساسەن يېنىك دەرىجىدە بولىدۇ، ئادەتتە داۋاملىشىش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
قانداق كىشىلەرگە EV71 ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك؟
ئاساسان 6ئايلىقتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ، 12 ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بىر ياش ياكى بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش قانچە بالدۇر ئېلىپ بېرىلسا شۇنچە ياخشى. 5 ياشتىن يۇقىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تەبىئىي يۇقۇملىنىش ئارقىلىق كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل بولىدۇ، ئادەتتە EV71 ۋاكسىنىسىنى قايتا ئەملىمىسىمۇ بولىدۇ.
EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن يەنە قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولامدۇ؟
بالىلارغا EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن، قايتا كېسەل بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن يەنىلا غەيرى EV71 بولغان ئۈچەي ۋىرۇسى قان زەردابى تىپلىق باشقا قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ باققان بالىلارغا يەنە EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش زۆرۈرمۇ؟
ئەگەر ئىلگىرىكى قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنى EV71 كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قايتا EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ھاجەتسىز. ئەگەر ئىلگىرىكى قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنى ئۈچەي ۋىرۇسى قان زەردابى تىپلىق باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ياكى ئېتىئولوگىيىلىك دىياگنوز نەتىجىسى يوق بولسا، EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش لازىم.
نۆۋەتتە EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ھەقسىزمۇ؟ EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نەدە ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
بۇ ۋاكسىنا تېخى ئىككىنچى تۈردىكى ۋاكسىنىلار تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل چىقىرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىشى لازىم.
شۇ جايدىكى سالاھىيىتى بار بولغان ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئورۇنلىرىدا ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش ئامبۇلاتورىيسى ياكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن كونكېرىت تەكلىپ ئېلىش ۋە مەسلىھەت سوراش كېرەك.
EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ۋە باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
ئاساسىي ئىممۇنىتېت 2 قېتىم بولۇپ، ئارىلىقى بىر ئاي بىلەن دەۋرلىنىدۇ.
يۇقىرى بىلەك ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇل ئىچىگە ئوكۇل قىلىش، ھەر قېتىملىق ئەملەش مىقدارى 0.5 مىللىلېتىر بولۇش.
EV71 ۋاكسىنىسىنىڭ ھەرقانداق تەركىبىگە زىيادە سەزگۈر بولغۇچىلار، قىززىش، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك مەزگىلى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى جىددىي قوزغىلىپ تۇرىدىغان بىمارلارغا EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە بولمايدۇ. كونكرېت ئەھۋالىنى ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش ئامبۇلاتورىيسى ياكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن مەسلىھەت سوراش لازىم.