ئاشقازاننىڭ خىمىيەلىك رولى
ئاشقازاننىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشىدىكى تۈپكى سەۋەب ئاشقازاندا تۇز كىسلاتاسى، ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ بولغانلىقىدا. تۇز كىسلاتاسى بىر خىل چىرىتىش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك كىسلاتا بولۇپ، يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، تۇز كىسلاتا يېمەكلىكلەردىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاشقازاندىكى تۇز كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندا، ھەتتا سىنىك مېتالىنىمۇ ئېرىتىۋېتەلەيدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنى پارچىلايدۇ. شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاشقازانغا كىرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئورىۋېلىپ سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ھەم ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، ئۇنى يېمەكلىك پەيدا قىلىدىغان مېخانىكىلىق زەخىملىنىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. دېمەك، ئاشقازاندىكى تۇز كىسلاتاسى، ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار بىرلىشىپ ئادەتتە يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى شۇنداق كۈچلۈك تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ؟ بۇ سوئال يۈز نەچچە يىلدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. بەزى ئالىملار: ئاشقازاننىڭ ئۆزىنى ئۆزى ھەزىم قىلالماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەب ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياكى ئاشقازان سۇيۇقلىقىدا بىر خىل ئالاھىدە ماددىنىڭ بولغانلىقىدا، بۇ خىل ماددا ئادەتتە تۇز كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرالايدۇ دەپ قارايدۇ.
نۆۋەتتە ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاشقازان دىۋارىدىن تۇز كىسلاتاسى ئاجىرىلىپ چىققاندىن كېيىن، تۇز كىسلاتاسى شىللىق پەردە سىرتقى يۈزىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن تەتۈرىسىگە ئېقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھەم ئاشقازان دىۋارىنى چىرىتىۋەتمەيدىغانلىقىنى، ناۋادا ئېپتېلىيە ھۈجەيرىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا شىللىق پەردە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تۇز كىسلاتاسىغا نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە بۇففېرلاش رولىنى (توقۇنۇشنى پەسەيتىش) ئويناپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى سىرتقى يۈزىگە يېپىشىپ قالغان تۇز كىسلاتاسىنىڭ ئىچكى قىسىمغا كىرىپ كېتىشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ يەنە «مۇھىملىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسلىرىدىن ۋاز كېچىش»تەك ئالاھىدە ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇ ئېپتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ توختىماستىن ماددا ئالماشتۇرۇپ يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشى فونكىسيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ شىللىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرلۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىپ، ئاشقازان دىۋارىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتىدۇ. شىلىمشىق سۇيۇقلۇق تەركىبىدىكى قەنت ئاقسىلىنىڭ بەزىلىرىدە قەنت مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، مولېكۇلىسى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئۇلارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تىزگىنلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرى ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن 500 مىڭ دانە ئەتراپىدا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۈچ كۈن ئىچىدە يەنە قايتىدىن پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ بولىدۇ، بۇنداق كۈچلۈك قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقى ئاشقازان دىۋارىغا كەلتۈرىدىغان ۋاقىتلىق زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاشقازان ئادەتتە ئۆزىنى ئۆزى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ.ئەگەر ئاشقازاندا پەيدا بولغان ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى ئاچ قورساق ھالەتتە دورا ئىچكەندە ئاشقازان دىۋارىغا زىيان سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئۆزىنى ئۆزىنى ھەزىم قىلىشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.