ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش

قانداق كىشلەر سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

ھاراققا خۇمار كىشلەر :ھاراق يېتىلگەن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، سۆڭەك سۇنۇشقا ئۇل ھازىرلايدۇ .

تاماق تاللايدىغان كىشلەر:تاماق تاللايدىغان كىشلەرنىڭ بەدىنىدە كالتسىي ، ئاقسىل كەمچىل بولىدۇ ، بۇ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ھەرىكىتى ئاز كىشلەر : بۇنداق كىشلەر ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ .

تاماكا چېكىدىغانلار:بۇ خىل كىشلەرنىڭ بەدىنىدىكى كالتسىي سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كەتكەچكە ، ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ .

ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلى بار كىشلەر : بۇ خىل كىشلەرنىڭ داس سۆڭىكى سۇنۇش خەۋپى ئېغىر .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button