بالىلار غىزاسى

بالىلار تولۇقلاشقا تېگىشلىك 4 خىل ئوزۇقلۇق

بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشتە ساغلام سۆڭەك ۋە چىش، ياخشى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئوكسىگېن مىقدارى مول قان ھەمدە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇلار بالىلارغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى تور تېببىي دوكتورى تورى ناملىق بىر تور بېكەتتە ئوزۇقشۇناس كاسىرىن.زېر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارغا بالىلار ئۈچۈن ئاساس ھېسابلىنىدىغان بىر قىسىم ئوزۇقلۇق بىلىملىرى ۋە قانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش  توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.
كالتسىي:   كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددا، ئوقۇش يېشىغا توشىمىغان بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق ئەھۋاللار بولسا: تېز ئۇخلىماسلىق، ئويغانغاندىن كېيىن تولا يىغلاش، ئاسان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، كېچىسى كۆپ تەرلەش، چىشى كېچىكىپ چىقىش قاتارلىقلار. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولسا، پۇتى يۇمشاق بولۇپ قېلىش، پېيى تارتىشىش، ماغدۇرسىزلىق، ئاسان تېرىكىش، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئاسان زۇكام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى:

  1. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، تەركىبىدە دانلىق زىرائەت بولغان ياغسىزلاندۇرۇلغان ياكى ياغ تەركىبى ئاز بولغان بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بېرىش، ئاندىن يېڭى مېۋىلەردىن يېيىش
    2.مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ياغ تەركىبى ئاز بولغان قېتىق، سۈتتىن ياسالغان تاتلىق تۈرۈملەر ياكى ئېرىمچىك يېيىش، ئىككى ۋاقلىق تاماقنىڭ ئارىلىقىدا كالتسىي ماددىسىنى كۈچەيتىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېسىمۇ بولىدۇ.
    3.كالتسىي ماددىسىنى كۈچەيتىدىغان مېۋە شەربىتى ياكى دانلىق زىرائەتلەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۈنىگە ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىي مىقدارىنى قاندۇرۇش كېرەك.
    كۆرسەتمە:  سۈتلۈك تاتلىق تۈرۈم ياكى ئۇششاق-چۈششەك  يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، بىر تال بانان ياكى ياغ تەركىبى تۆۋەن شاكىلاتنى قوشۇپ يېيىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كالتىسىينى قوبۇل قىلىشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش.

ئاقسىل:   بالىلاردا ئاقسىل كەمچىل بولغاندا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ناچارلاش، بەدىنى ئاجىزلىشىش، تولا ئاغرىپ قېلىش، يېتىلىشى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاقسىل تولۇقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى:

  1. پىشۇرۇلغان تۇخۇم، تۇخۇم قورۇمىسى، تۇخۇم تۈرمىلى، تۇخۇم قاتلىمىسى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، تۆمۈر ۋە باشقا مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار مول.
    2.يېڭى بېلىق گۆشىدىن ياسالغان قېلىن توغرالغان بېلىق گۆشى، بېلىق كاۋىپى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى بىر قەدەر مول، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئومېگا-3ياغ ئاقسىلىنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.
    3. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى دانلىق زىرائەتلەر، مېۋە قېقى ياكى كۆكتاتلارغا ئارىلاشتۇرغاندا، تائاملاردىكى ئاقسىل، غىزا تالاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    كۆرسەتمە:قۇرۇق ئۈزۈم، بانان قېقى، ئالما قېقى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سوقماق ياساپ، بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىك قاتارىدا بەرسە بولىدۇ.

تۆمۈر:  تۆمۈر ئوكسىگېننىڭ قانغا ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىپ، بالىلارنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. تۆمۈر كەمچىل بولغان بالىلاردا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەش، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. 3 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلاردا ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان ھاياجانلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئەتراپىدىكى مۇھىتقا قىزىقماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 تۆمۈر تولۇقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى:

1.ئورۇق گۆش، تۇخۇم تۈرلىرى، بېلىق تۈرلىرى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، مېۋە قېقى ۋە تۆمۈر كۈچەيتكۈچى ماددىلاردىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
2.پالەكتىن سوغۇق سەي تەييارلىغاندا، مېۋە قېقى ئارىلاشتۇرۇۋەتسە بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدۇ.
3.ياغ مىقدارى تۆۋەن قېتىق ۋە سۈت ئىچكەندە تۆمۈر ماددىسىنى كۈچەيتكۈچى دانلىق ماددىلارنى قوشۇۋەتكەندە بالىلار تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ.
كۆرسەتمە:  ۋىتامىن س نىڭ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بار بولۇپ، تاماقتىن كېيىن بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىن قاتارلىق مىۋىلەرنى يېسە بولىدۇ.

غىزا تالاسى:  غىزا تالاسى كەمچىل بولغان بالىلاردا ئاسانلا قەۋزىيەت، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئويلايدىغىنى قانداق قىلغاندا بۇخىل يېمەكلىكلەرنى بالىلارغا كۆپرەك يېگۈزۈش مەسىلىسىدۇر.
غىزا تالاسى تولۇقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى:

غىزا تالاسى مول بولغان بىر قاچا دانلىق زىرائەت ئومىچى بىلەن ناشتا قىلغاندا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بىر كۈنلۈك غىزا تالاسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ئاشقانسېرى غىزا تالاسىنىڭ مىقدارى شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ. تەم ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن دانلىق زىرائەتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرگە يېڭى توڭلىتىلغان مېۋە- چېۋىلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغاندا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدۇ.
2. مېۋە شەربىتىنى مېۋە ۋە كۆكتات يېيىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەردە تەركىبىدە مول غىزا تالاسى بار، لېكىن مېۋە شەربەتلىرىدە بۇخىل ماددا يوق.
3. شورپا، سەي دۈملىمىسى، سالات، تۇخۇم قورۇمىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە پۇرچاق تۈرلىرىدىن ئاز مىقداردا قوشۇۋەتسە غىزا تالاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button