بالىلارنىڭ تاماق يېيىشىدىكى 9 چوڭ پەرھىز
بالىلارنىڭ تاماق يېيىش مەسىلىسىدە ھەر خىل پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىشلار بار. ياش ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
بىرىنچى: تاماق تاللاشنى چەكلەش
«مەن ھەر كۈنى بالىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزىمەن!»، «بالا تاماقنى ناھايىتى ئاز، ئاستا يەيدۇ. ھەمىشە تاماقنى ئېغىزىدا شۈمۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاماق ئاللىبۇرۇن سۇۋۇپ كەتسىمۇ، ئۇ يەنىلا يەپ بولالمايدۇ!»… نۇرغۇن ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا قارىتا، جۇڭگو-ئامېرىكا 2 دۆلەت تېببىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆزىدە بەزىبىر مۇۋاپىق بولمىغان قىلمىشلار بار. مەسىلەن، بېقىشقا ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلىپ كېتىش، مەجبۇرى تاماق يېگۈزۈش، تاماق ئۈستىلىدىكى قورقۇتۇپ ئالداشلار… ھەممىسى بالىنىڭ تاماق تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدە تاماق تاللاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بالىلار «نېمە بولسا شۇنى ئۆگىنىش» بويىچە ئاتا-ئانىسىدىن تاماق تاللاشنى ئۆگىنىپ تېخىمۇ بەك تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ تاماق تاللاش نىسبىتى %30 تىن ئاشىدۇ
مەلۇم بىر مۇتەخەسسىس: تاماق تاللاش ئەھۋالى 6 ئايلىقتىن 6 ياشلىققىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. نىسبىتى %30 تىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئۇقتۇرىدۇ.
دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر: تاماق مىقدارى ئاز ھەم يېيىشى ئاستا، يېمەكلىككە قىزىقماسلىق، يېڭى يىمەكلىكلەرنى يېيىشنى خالىماسلىق، مەلۇم بىر رايون ياكى مەلۇم بىر تۈردىكى يېمەكلىكنىلا يېيىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىش قاتارلىقلار.
مۇتەخەسسىس خې شىياۋرۇ: ھازىر ئاز بولمىغان يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە بېقىشقا ھەددىدىن زىيادە دىققەت ئېتىبارىنى قارىتىش، تاماق ئۈستىلىدە قورقۇتۇپ ئالداش قاتالىق ئەھۋاللار ئارقىلىق جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بالىلارغا بېسىم ئىشلىتىپ تاماق يېگۈزۈش مۇھىتىدا بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق بېسىمى ئارتىپ كېتىپ، بالىلارنىڭ تاماقتىن بىزار بولۇش، تاماق تاللاش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
ئاتا-ئانا تاماق تاللىغاندا، بالىلار ئاسانلار ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىپ تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدىكى تاماق تاللاش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ تاماق تاللاش كەيپىياتىنى ئاشۇرۇپ قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا قارىتا: ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدە تاماق تاللاش ئادىتى بولسا، بالىلارنىڭ «دوراش» ئارقىلىق تاماق تاللاش ئادىتىنى كونترول قىلىشى تەسكە چۈشىدۇ دەپ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسورلار: بالىلاردىكى تاماق تاللاش مەسىلىسى ئۇزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق، ئۆسۈپ يېتىلىش كېچىكىپ كېتىش قاتارلىق بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تاماق تاللاشقا نىسبەتەن دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. يامان ئادەتنى ئۆزگەرتىش تېخىمۇ قىيىن دەپ قارايدۇ.
پروفېسسورلار بۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك «رېتسېپ» چىقىرىپ بېرىدۇ: بالىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاچلىق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەگەر يەپ تويسا، ئۇنىڭغا داۋاملىق يېيىشكە زورلىماسلىق كېرەك. تاماق يېگەندە زېھنىنىڭ چېچىلىپ كېتىشنى ئازايتىش (مەسىلەن تېلېۋىزۇر، ھېكايە، ئويۇنچۇق دېگەندەك)، ئۇنىڭدىن باشقا، بازاردىكى ھەر خىل قېلىپلاردىن پايدىلىنىپ، يېمەكلىكنى قىزىقارلىق شەكىلگە كەلتۈرۈپ بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پروفېسسور يەنە: زۆرۈر تېپىلسا، ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق ھالدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ھەرىكىتىنى مەشىقلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايدۇ.
#P#
تاماق تاللاش ئادىتىنى تۈزىتىش: بالىغا ئاچلىقنى ھېس قىلدۇرۇش
ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلانسا بولىدۇ:
(1) ئاۋۋال بالىنى ئاچ قويۇپ، ئاندىن تويغۇزۇش.
(2) ئىككى ۋاق تاماق ئارلىقىدىكى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنى كونترول قىلىش، تاماقتىن بۇرۇنقى بىر سائەتتە ئىچىملىك ئىچكۈزمەسلىك، باشقا پارچە-پۇراتلارنى يېگۈزمەسلىك.
(3) تاماق ۋاقتى 25 مىنۇتتىن ئاز بولۇش. ھەر ئىككى قېتىملىق تاماق ئارىلىقى 3.5 سائەتتىن 4 سائەتكىچە بولۇش.
(4) بالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياخشى كۆرمەيدىغان تاماقنىڭ نىسبىتىنى ئاستا-ئاستا تەڭشەش. ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان تاماقنىڭ نىسبىتىنى 1:1 نى 2:1 گە (ياخشى كۆرمەيدىغان تاماق 2 ئۆلۈش، ياخشى كۆرىدىغان تاماق 1 ئۆلۈش) ياكى تېخىمۇ چوڭ تەڭشەش، شۇ ئارقىلىق، ياخشى كۆرمەيدىغان تاماقنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىش.
(5) بالىنىڭ قوشۇقنى ئىتتىرىۋېتىش، يىغلاش، بېشىنى بۇراپ تۇرىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا، ئاتا-ئانىلار ۋاقىتلىق ئايرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. يەنى، يېمەكلىكنى ئېلىۋېتىپ، بالىنى تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ قويۇپ، كارى بولماسلىق.
(6) سەي بازىرى ياكى تاللا بازىرىغا بېرىپ، بالىلارنى يېمەكلىك تاللاشقا بۇيرۇش
(7) بالىغا يېڭى تاماق ياكى ياخشى كۆرمەيدىغان تاماقنى تېتىپ بېقىشقا كۆپرەك ئۈندەش، بەزىدە 15 قېتىم سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.
(8) تاماقنى قىزىقارلىق ئىسىم بىلەن ئاتاش.
(9) قىزىقارلىق تاماق يېيىش مۇھىتى يارىتىش.
(10) ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يېيىشىنى ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىق
ئىككىنچى: زوڭزىيىپ تاماق يېمەسلىك
بۇ بىر خىل ياخشى بولمىغان تاماق ئادىتى، بۇ ئاسانلا تاماقنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بولغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى كېسەللىك «ئېغىزدىن كېرىش» كە سەۋەب بولىدۇ.
زۇڭزىيىپ تاماق يېگەندە، قورساق قىسىم قسىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى نورمال بولماسلىقىدىن باشقا، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى ھاۋانىڭ ئۆتۈشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قورساقنىڭ تولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
زوڭزىيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاندا، قورساق ۋە ئىككى پۇت بېسىمغا ئۇچراپ، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىككى پۇتنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ۋە كېڭىيىشى كۆپ قان ئايلىنىشقا موھتاج، ئەمما زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، قاننىڭ تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بىۋاسىتە ھالدا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئەگەر ئېگىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە، قورساق مۇسكۇللىرى بوشاپ، قان ئايلىنىش تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى رېتىملىق ھالدا نورمال خىزمەت قىلىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ناھايىتى پايدىلىق.
ئۇنىڭدىن باشقا، زۇڭزىيىپ تاماق يېگەندە، تاماق قاچىسىنى يەرگە قويۇپ تاماق يېگەن بولغاچقا باشقىلارنىڭ ئۇيان-بويان مېڭىشىدىن كېلىپ چىققان چوڭ-توزاڭ تاماققا چۈشىدۇ-دە، تاماققا چۈشكەن چاڭ-توزاڭ بىلەن بىرگە باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرۇت تۇخۇمى قاتارلىق بۇلغىغۇچى ماددىلار ئاسانلا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، ساقلىقنى ساقلاش نوقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا، زۇڭزىيىپ تاماق يېيىشتىن ئىبارەت بۇ يامان ئادەتنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى: ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىشنى چەكلەش
كېسەللىك سەۋەبى:
بالىنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىز، ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق، ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ يېيىش ۋە ھاۋا كېلىماتنىڭ ھۆللۈكى ۋە ئىسسىقلىقى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كېسەل بولىدۇ.
ئالامەتلىرى:
قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، مەيدىسى چىڭقىلىش ۋە ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلار
سىناقتىن ئۆتكەن تاماق تۇلۇقلاش رېتسېپى
ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت–سۈتنى قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، سوۋۇتۇپ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت قايماقنى ئېلىۋېتىمىز. قايتا-قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق سۈتنى ياغسىزلاندۇرىمىز. ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ بالىنىڭ قۇسۇشىنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى. ئەمما بوۋاقلارغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ.
ئالما سوقمىسى — پىششىق ئالمىنى ئىزىپ سوقما ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنى سۇس چايغا سېلىپ تەييارلايمىز. ئالما تالالىرى بىر قەدەر ئىنچىكە بولۇپ، ئۈچەي يولىغا بولغان غىدىقلىشى كىچىك، ئەمما مول بولغان مېۋە يېلىمىنىڭ قورۇش (ئورگانىك توقۇلمىلارنى) رولى بار.
سۇس چاي–قايناقسۇ بىلەن ئازراق قىزىل چاينى دەملەپ، ھەر كۈنى بالىغا 4~5 قېتىم بەرگەندە، جىددىي خاراكتىرلىق ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
سەۋزە شەربىتى–يېڭى سەۋزىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ ئېزىپ ئازراق سۇ بىلەن 10~15 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزىۋالغاندىن كېيىن، يەنە ئازراق شېكەر سېلىپ قاينىتىپ قاچىغا قۇيۇپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ سۈيىنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن بالىغا يىگۈزۈشكە بولىدۇ.
دۇلانا، گۈرۈچ، قارا شېكەر قىيمىسى–دۇلانانى قۇم قازاندا پىشۇرۇپ قويۇق قىيمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن گۈرۈچ، قارا شېكەرنى سېلىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، بالىغا چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بېرىشكە بولىدۇ. ئاچ قورساق ئىشلىتىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
بۇ ۋاقىتتا يېيىش چەكلىنىدىغان يېمەكلىكلەر تىزىملىكى:
غىدىقلاش خاراكتىرىگە ئىگە ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر ئاسانلا بالىلىنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
مايلىق يېمەكلىكلەر بالىنىڭ قۇسۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئاشقازاننى ئىششىتىدىغان يېمەكلىكلەر بالىنىڭ قورسىقىنىڭ كۆپۈپ كېتىش ۋە ئىشتىھاسىزلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
تۇزلۇق يېمەكلىكنى چەكلەش
تاماقلىنىشتا، بالىنىڭ تۇز ئىستېمالى تەدرىجىي ئېشىپ بېرىشى كېرەك، ئەمما ھازىرقى دەۋردە كۆپۈنچە، بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ تەركىبىدە تۇز مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بولۇپ (بالىلارغا نىسبەتەن) بالىلارنىڭ تۇز مىقدارى بەك كۆپ تاماقنى يېيىشىنى ئىلاج بار چەكلەش كېرەك. يېقىندا، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرى: مەيلى ساغلام بالىلار بولسۇن ياكى كېسەل بالىلار بولسۇن، كۆپ مىقداردا تۇز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا بالىلارنىڭ تامىقى ئىمكانقەدەر سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىك بولۇشى كېرەك.
بەك تۇزلۇق تاماق نەپەسلىنىش يولىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا. بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك ۋاقتىدا تۇزلۇق تاماقنى كۆپ يېگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. تۇزلۇق تاماق قان بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولۇپ، سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ تۇزنى كۆپ يېيىشى نەپەسلىنىش يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب.
بىرىنچىدىن، تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىك ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي ئاجراتمىسىنى ئازلىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ ئۈستۈنكى نەپەسلىنىش يولىدا تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تۇز مىقدارى يۇقىرى تاماق يېگەندىن كېيىن، تۇزنىڭ ئوسموس رولى سەۋەبىدىن، ئۈستۈنكى نەپەس يولىدىكى نورمال پارازىت زەمبۇرۇغلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، زەمبۇرۇغ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىۋېتىپ، كېسەللىك كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك شىللىق پەردىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەپ، كېسەللىككە قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈنكى نەپەسلىنىش يولىدىكى شىللىق پەردىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ ئىمونىتېت كۈچى چوڭلارغا قارىغاندا ئاجىز بولغانلىقتىن، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ئاسانلا تەنگە كىرىپ نەپەسلىنىش يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇز سىنىكنىڭ سۆمۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلارنىڭ تەم دېتى ئاتا-ئانىلارغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار تۇزلۇق تاماق يېيىشكە ئادەتلەنسە، بالىلارمۇ تۇزلۇق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تۇزنى كۆپ يېيىش بالىلار بەدىنىنىڭ سىنكنى سۈمۈرۈشى تەسىرگە ئۇچراپ، بالىلاردا سىنك كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر قۇرۇق سەي، تۇزلۇق بېلىق ۋە سۈر گۆش قاتارلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە ناترىينىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، بالىلارنىڭ يېيىشىنى ئىمكانقەدەر ئازلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ناستۇرتىئۇم ئوتى مۇرابباسى، لازا قىيمىسى، تۈگۈنەك قىچا بېشىنى تۇزغا چىلاش ئارقىلىق تەييارلانغان سەي، ئاچا سەي، تۇزلانغان تەرخەمەك، سېرىق جياڭ، دۇفۇ بوتقىسى، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى، كونسېرۋا، چۇجۇق، پىلتە قۇيماق ۋە تەييار چۆپ قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر بالىلارغا يېگۈزمەسلىك كېرەك.
بەشىنچى: تېز يېيىشىنى چەكلەش كېرەك
ھازىر بالىلاردا ئومۇمەن تاماقنى تېز يىتىش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك تاماق ۋە چۈشلۈك تاماقنى تېز يېيىش ئەھۋالى ئېغىر.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %20.3 بالىلار 5 مىنۇت ئىچىدە ئەتىگەنلىك تامىقىنى يەپ بولىدىكەن، %85.5 بالىلار 15 مىنۇت ئىچىدە ئەتىگەنلىك تامىقىنى يەپ بولىدىكەن. چۈشلۈك تاماقنىمۇ تېز يېيىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، %18.3 بالىلار 10 مىنۇت ئىچىدە چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولىدىغان بولۇپ، %72.5 بالىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق يېيىش ۋاقتى 20 مىنۇتقا يەتمەيدۇ.
پەقەت كەچلىك تاماقلا بىر ئاز ئاستا يېسىمۇ، ئەمما يېرىمىغا يېقىن بالا يەنىلا 20 مىنۇت ئىچىدە كەچلىك تاماقنى يەپ بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار: تاماقنى تېز يېيىش بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز دەپ كۆرسەتتى. تىز يېگەندە، بالىلار تاماقنى ياخشى تېتىپ يېمەستىن، تاماق پەقەت قورساقنى تويغۇزۇش رولىنىلا ئوينىغان بولۇپ، تاماق يېيىشتىكى ھوزۇرىنى ھېس قىلالمايلا قالماستىن بەلكى تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىغىمۇ پايدىسىز.
تاماقنى تىز يېگەندە، تاماق يېتەرلىك چاينالمىغانلىقتىن، شۆلگەي سۇيۇقلۇقى تاماقنى دەسلەپكى قەدەمدىكى ھەزىم قىلالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ تاماقنى ھەزىم قىلىش يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماقنى تېز يىگەندە، تاماقنى كۆپ يەۋېلىشقا سەۋەب بولۇپ، سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتە، بالىلارنىڭ تاماق يېيىش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 20 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
ئالتىنچى: تاتلىق يېمەكلىكلەرنى چەكلەش
كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىستېمال قىلىدىغان شېكەر ئاق شېكەر، قارا شېكەر، قەنت، مېۋە-چېۋە قەنت ماددىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەممىسى شېكەر قومۇشى ياكى قىزىلچادىن ئايرىۋېلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ شېكەر دەپ ئاتىلىدۇ. بالىلار گەرچە تاتلىق نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما شېكەرنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ.
شېكەرنى كۆپ يېيىش بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شېكەر بىر خىل ساپ ئىسسىق ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ، شېكەردە ئاساسەن باشقا ئۇزۇقلۇق تەركىبى يوق. ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 1 گرام شېكەر بەدەندە 4 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىكەن. شۇڭا شېكەر يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر شېكەر مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىشى كېرەك. گەرچە بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما كېرەكلىك بولغان باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلار، مەسىلەن ئاقسىل، ماي، ۋېتامىن، مىنېرال ماددا، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار، يېمەكلىك تالالىرى قاتارلىقلار يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يۇقىتىشغا سەۋەبچى بولىدۇ.
شېكەر بالىنىڭ تىنىدىن كۆپ مىقداردىكى كالتىسىينى سۆمۈرىۋالىدۇ. شېكەر كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن بەدەندىكى تۇزلۇق ماددا كالتىسىينى ئۆز-ئارا نېيتراللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. كالتسىي كەمچىلىكى بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ بويى ئۆسمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ. خەتەرلىك بولغاندا، سۆڭەكنىڭ ئاجىزلىشىشىپ دوك بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
دائىم تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش چىشنى قۇرت يېيىشكە سەۋەب بولىدۇ. تاتلىق نەرسىلەر ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ باكتېرىيەلەر شېكەر قالدۇقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىش، چىش ئارىلىقى ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتالىق ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چىش دائىم كىسلاتانىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا چىشنى قۇرت يېيىشكە سەۋەب بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چىشنىڭ كۇماك بولۇپ قېلىشىغا ياكى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ جاراھەتلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا ياپونىيە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى دوختۇرى: چىشنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تاتلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ.
تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپ يېگەندە، بەدەننىڭ ئېمونىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
شېكەر كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئۇزۇقلۇق. ئۇنداقتا بالىلار ھەر كۈنى زادى قانچىلىك شېكەر يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟
يېقىندىن بېرى دۆلەت سىرتىدىكى بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش: ھەر كۈنى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن 0.5 گرام ئەتراپىدا كونترول قىلىنسا بولىدۇ، يەنى قورامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 50 گرامدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك، بالىلار ھەر كۈنى 20 گرامدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.
يەتتىنچى، يېمەكلىككە قاراشنى چەكلەش
بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ كۆپ خىل زىيانلىق تەرىپى بار:
(1) ئاسانلا ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزىدۇ
ئىشتىھا فىزىئولوگىيىلىك ئامىللار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە سىرتقى ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. سىرتقى ئامىللار شەرتلىك رېفلىكىس ئارقىلىق ئىشتىھانى كۈچەيتىدۇ. بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرۈپ بىر تەرەپتىن تاماق يېگەندە، كىشىلەر تاماقنىڭ تەمىگە سەل قارىغانلىقتىن، ئەسلىدە بىر ئوبدان ئىشتىھا تېلېۋىزورنىڭ تەسىرىدە ئاجىزلايدۇ ياكى يوقايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
(2) يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە ئۇزۇقلۇقنىڭ سۆمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
كىشىلەر تاماق يېگەندە، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ۋە قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ تاماقنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. تاماق يېگەندە، تېلېۋىزور كۆرگەندە، چوڭ مېڭىمۇ كۆپلەپ قانغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، قان تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا قانغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىلىسى قان يېتەرلىك بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، تاماقنى ياخشى يېيەلمەسلىك، تېلېۋىزورنىمۇ ياخشى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، باش قېيىش، كۆز تورلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ.
شۇڭا، ئائىلىدە بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرمەسلىك كېرەك. ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ 20~30 مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن تېلېۋىزور كۆرۈش كېرەك. ئەگەر چوقۇم تېلېۋىزور كۆرۈشكە توغرا كەلسە، تېلېۋىزور پروگراممىسىنى تاللىغاندا، غىدىقلاش خاراكتىرى كۈچلۈك بولغان پروگراممىلارنى كۆرمەسلىك ياكى ئاز كۆرۈش كېرەك.
سەككىزىنچى، مېڭىپ تۇرۇپ تاماق يېيىشنى چەكلەش
ماشىنىغا ئولتۇرۇپ نەرسە يېگەندە، پاكىزلىققا تەسىر يەتكەندىن سىرت يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۆمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەن ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ماشىنىدا، يولدا كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولغاچقا، نەرسە يېگەندە، ئاسانلا بۇلغىنىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار ماشىنىدا نەرسە يېگەندە، قولى ئارقىلىق تۇتقۇچتىكى باكتېرىيەلەر، ۋىرۇسلارنى ئاسانلا يۇقتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئىككى خىل ھەزىم قىلىشتىن ئۆتىدۇ، يەنى فىزىكىلىق ھەزىم قىلىش ۋە خىمىيەلىك ھەزىم قىلىش، شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇچتىكى باكتېرىيەلەرنى يېگەن نەرسە بىلەن بىرلىكتە يەپ سالغانلىقتىن، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
چىشنىڭ چاينىشى، تىلنىڭ ئارىلاشتۇرۇشى، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فىزىكىلىق ھەزىم قىلىشقا كىرىدۇ. شۆلگەيدىكى كراخمال ئېنزىمى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدىكى ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى شۇنىڭدەك يېمەكلىك تەركىبىدىكى كىراخمال، ئاقسىل، ماي قاتارلىقلارنىڭ ھەزىم بولۇشى خىمىيەلىك ھەزىم قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت.
ئىككى خىل ھەزىم قىلىشنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭىنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدۇ. بىراق، ماشنىغا ئولتۇرغاندا، يول ماڭغاندا نەرسە يېگەندە، چوڭ مېڭە يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا قوماندانلىق قىلىپلا قالماي يەنە ھەرىكەت سىستېمىسىغىمۇ قوماندانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كەتكەنلىكتىن، چايناش يىتەرلىك بولماسلىق، ھەزىم ياخشى بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ. ھەمدە، يەنە تاماق گالغا تۇرۇپ قېلىش، تىلنى چايناپ سېلىش قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن يېمەكلىكلەر خاتا ھالدا نەپەسلىنىش نەيچىسىگە كىرىپ كېتىپ، نەپەس نەيچىسىنىڭ نورماللىقىغا تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇرۇقچىلىق نەرسىلەرنى يېگەندە ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
توققۇزىنچى، كۈلۈپ تۇرۇپ تاماق يېيىشنى چەكلەش
بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۈتۈپ سالسا ياندۇرغۇزۇش قېيىن
بالىلار تاماق يىگەندە ئاسانلا كۈلۈپ جېدەل چىقىرىشقا ئامراق بولغانلىقتىن، چوڭلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ ياكى دورا يىگەندە، دورا ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى سەۋەبىدىن، غەيرىي نەرسىلەرنى يۈتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا بۇغۇلۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ، غەيرىي نەرسىلەرنى ياندۇرغۇزىۋېتىش كېرەك. بولمىسا، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى ھەرگىزمۇ بالىنى تەتۈر قىلىپ ياندۇرۇغۇزماسلىق كېرەك.
بالىلارنى جىددىي قوتقۇزۇش ئۇسۇلى:
بالىنى ئىككى پۇتقا ياتقۇزۇپ، بېشىنى پەس، پۇتىنى ئېگىز قىلىپ، ئالىقان بىلەن مۇۋاپىق ھالدا بالىنىڭ ئىككى تاغاق سۆڭىكى ئارىلىقىغا بوش بوش 4 قېتىم ئۇرۇش. ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا، بالىنىڭ دۈمبىسىنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ پۇتىغا چاپلاپ، ئاندىن ئىككى بىگىز بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن كۈچەپ بالىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ كەينى ۋە ئۈستىدىن باسقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىش كېرەك. مۇشۇ بويىچە بىر نەچچە قېتىم قايتىلاش.
ئورنىدا تۇرغۇزۇپ (站位急救法) جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى:
قۇتقۇزغۇچى بالىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئىككى بېلىكى بىلەن بالىنىڭ بېلىنى ئايلاندۇرۇپ تۇتۇپ، بىر قولنىڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، مۇشت تۈگكەن قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن بالىنىڭ قورساق قىسمىنى تىرەپ تۇرۇپ، يەنە بىر قول بىلەن مۇشت تۈگكەن قولنى چىڭ سىقىپ، بالىنىڭ قورسىقىنى ئۈستىگە، ئارقىغا كۈچەپ سىلكىش كېرەك. سىقىش ھەرىكىتى تېز بولۇش، ئاندىن دەرھال قويۇپ بېرىش كېرەك.