بالىلار غىزاسى

ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار چاي ئىچمەسلىكى كېرەك

كىشىلەرنىڭ چايغا نىسبەتەن ئالاھىدە مېھرى-مۇھەببىتى بار. ئەمما بۇ يەردە ئېيتىلغان پايدىلىقلارنىڭ ھەممىسى قورامىغا چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا نىسبەتەن، چاي ئىچىش چەكلەنگەن ئىچىملىكتۇر.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: چاينىڭ تەركىبىدە تېئوفىللىن (茶碱) قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، ئاسانلا ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاش رولىغا ئىگە.  بالىلار تېز ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان بولغاچقا، ھەر خىل نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاش رولى بار ماددىلارنىڭ غىدىقلاش رولىنى تورمۇزلاش ئىقتىدارى ئاجىز، چوڭلارغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك ھالدا تەڭشىيەلمەيدۇ.

شۇڭا، بالىلار چاي ئىچكەندىن كېيىن، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ-دە، جىسمانىي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر كەچلىكى چاي ئىچسە، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى، كۆپ سىيىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇخلاشقا تەسىر يېتىدۇ-دە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى بالىلار تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۇزۇقلۇق مەركىزىنىڭ مۇدىرى چى كېمىن مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: چاي تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى (鞣酸) ۋە تېئوفىللىن بولۇپ، بۇ تەركىپلەر بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بالىنىڭ تېنىنىڭ بىر قىسىم مىكرو ئېلېمېنتلار (微量元素) نى سۈمۈرۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار: كالتسىي، سنىك، تۆمۈر، ماگنېي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
شۇڭا، بالىلارنىڭ كۆپ چاي ئىچىشى ياكى چاينىڭ بەك قېنىق بولۇپ كېتىش تەندىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھەتتا، ئېغىر بولغاندا ئۇزۇقلۇق ناچار بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چاينىڭ سۈيدۈكنى ھەيدەش رولى بار بولۇپ، سۈيدۈكنى ھەيدەش جەريانىدا، تاننىك كىسلاتاسى ۋە تېئوفىللىن كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بالىغا پات-ئات ئازراق، سۇس چاي بەرگەندە، بالىغا زىينى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما بالىغا دائىم چاي بەرگەندە ياكى چاي بەك قېنىق بولۇپ كەتكەندە ۋەياكى سوغۇق چاي بەرگەندە، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا چوقۇم زىينى بار.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button