نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟!…
يەنە ‹‹ 1 – ئىيۇن ›› بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى. جايلاردا ئىلگىرىكىدەكلا تۈرلۈك – تۈمەن ئۇلۇغ – ئۇششاق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىلگىرىكىدەكلا ئۇلۇغ – ئۇششاق ‹‹ رەھبەرلەر ›› قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەبرىكنامىلەرنى ئوقۇپ بەردى، بالىلار ئىلگىرىكىدەكلا ‹‹ رەھبەر ›› لەرگە ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىپ ناخشا – ئۇسۇل ئويناپ بەردى. ئالىمادىس ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسا، ھېچكىم يەنە بىر قېتىم ‹‹ ساۋاقداشلار قوزغالماڭلار، رەھبەرلەر باشتا مېىڭىۋالسۇن ›› نى تەكرارلانمايدۇ ، دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ. يۈكسەلنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن ‹‹ بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ! ›› دېيىشىمىز. ئەمما، بىز زادى نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟! نېمەقىلىپ بېرىشىمىز كېرەك ؟! …
ئالدى بىلەن ، بارلىق سۈپەتسىز، زەھەرلىك يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان ، ساتىدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئۇلۇغ تەڭرىدىن ئىنساب تىلەيمىزكى، دۇنيا ۋەسۋەسىدە سوزۇلغان قارا قولى بالىلارنىڭ كېكىردىكىدىن بوغمىسا، بالىلار يېمەكلىكلەرنى بولسىمۇ خاتىرىجەم ئىستېمال قىلسا! پەقەت زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى، سەمرىتىلگەن تاۋۇز، بويى ئۆستۈرۈلگەن تەرخەمەك، ئاقارتقۇچ قوشۇلغان ئۇن تائاملىرى، چاشقان گۆشىدە قىلىنغان توخۇ ياكى كالا گۆشى قېزىلىرى، كەشنىڭ چەمىدىن ئىشلەنگەن مېۋە ئۇيۇتمىلىرى … بولمىسىلا بولغىنى.
ئاندىن، بالىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ سېتىۋاتقان، ئوغرى – يانچۇقچىلىققا سېلىۋاتقان، زەھەر سېتىشقا مەجبۇرلاۋاتقان قارا كۆڭۈل ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى سەللىمازا ئاقارغان بولسا، شۇ گۆدەك بىغۇبار بالىلارغا رەھمى – شەپقەت قىلغان بولسا. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئاقارمىسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇناسىپ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاقارتىپ قويغان بولسا، ئىچكىردىكى سەرسان – سەرگەردان بولىۋاتقان ئېنى – سىڭىللىرىمىز بالدۇرراق ئاتا – ئانىلىرىنىڭ باغىرىغا قايتىپ كەلگەن بولسا …
يەسلى – مەكتەپلەر يەنىمۇ ئىللىقراق بولسا. ئوقۇتقۇچى دېگەن ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنىرى دەپ قويسىلا ھېساب ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلار ھەممە بالىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر بالىغا مېھرىنى بېرىپ تەربىيىلىسە ھېساب. مەلۇم بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ( ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرىلىقى ) ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ مەنسەپدار، يۈز – ئابرويلۇق، ھېچ بولمىغاندا ‹‹ ئوقۇتقۇچىنىڭ قەدرى ›› نى قىلىدىغان بولغانلىقى تۈپەيلى باشقا بالىلاردىن پەرقلىق كۆزدە قارىماسلىقى لازىم. تاپشۇرۇقلار سەل ئازراق بولسا، بالىلار بالىلىقىغا قېنىپراق چوڭ بولسا. ھەممە ئاتا – ئانا مۇئەللىمدىن بالىسىنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. پەقەت مەكتەپتە ساۋاقداشلىرى ئالدىدا كەمسىتىلمىسە، روھى زەربىگە ئۇچرىمىسا ، ساغلام ئۆسۈپ، ئاق – قارىنى پەرق قىلالىغۇدەك نورمال ئادەم بولۇپ يېتىلسىلا كۇپايە.
ئاتا- ئانىلارمۇ بالىلارغا بولغان ئۈلگىلىك تەسىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسا. ئائىلە بالا ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ، ئاتا – ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى. ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆرنەكتۇر. ئاتا – ئانىلار بالىنى تەربىيىلەشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى رۇسلاپ ئېلىشلىرى زۆرۈر. ھەرگىزمۇ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ ‹‹ بالام، تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق ›› ، دەپ نەسىھەت قىلماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆزلىرى لاياقەتلىك ئاتا، لاياقەتلىك ئانا، دۇرۇس ئادەم بولۇشلىرى، ئاندىن بالىغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشى لازىم. بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشى، ئۇلارنىڭ پىكىر – قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئاتا – ئانىلار چاي – ئولتۇرۇشلىرىدىن ئازغىنە قۇربان قىلىپ، بالىلارغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك، بالا ئۆي ( 4 تام ) ۋە ياكى مەكتەپنىڭ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بالىمىز!
جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، مۇخبىر، زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ تۇتقۇلىرى ، ۋىجدانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يەلكىسىگە غۇنچە ئەۋلادلارنى ئويغىتىش، يېتەكلەش، پەرۋىشلەپ تەربىيىلەشتەك مۇقەددەس بۇرچ يۈكلەنگەن. بالىلارغا گۈزەل، ياخشى، چىن ، مەڭگۈلۈك بولغان نەرسىلەرنى تونۇتۇپ، كىشىلىك قەدىر – قىممەتنى، ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي، باتۇر، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر، ھەقىقەتنى ئىستەيدىغان ئىرادىلىك ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىش لازىم.