بالىلار دۇنياسى

بالىلار پسىخىكىسىدىكى 8 سىرنى ئېچىش

ئوقۇشلۇق كۆرسەتمىسى: بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولىشىڭىز  مۇمكىن، كىچىك بالىلار دائىم كومىدىيە ئارتىسلىرىغا ئوخشاش بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە يىغلايدۇ، يەنە بەزىدە خاپا بۇلۇپ قالغاندەك قىلىپ چىرايىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىدۇ. بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە بىلىدىغان سۆزلۈك مىقدارى ناھايىتى چەكلىك بولغانلىقتىن دېمەكچى بولغىنىنى مۇشۇنداق ئىپادىلەشكە مەجبۇر. بىز كۆپلىگەن بالىلار پسىخىكىسى ۋە پائالىيىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ «بالىلار پسىخىكا لۇغىتى» نى تۈزۈپ چىقتۇق، بۇنىڭ بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە خاپىلىق
بالىنىڭ ھەركىتى:
بىر ياشلىق بالىڭىز ئۆيگە كىرىپ سىز بايىلا قاتلاپ قويغان پاكىز كىيىملەرنى قالايمىقان قىلىشقا باشلايدۇ. سىز سىلىق ئاھاڭدا: «بالام، كىيىملەرگە چېقىلماڭ» دەيسىز، لېكىن بالىڭىز سىزگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ كىيىملەرنى داۋاملىق قالايمىقان قىلىۋېرىدۇ. سىز قاتتىقراق ئاھاڭدا «كىيملەردىن يىراق تۇرۇڭ» دەيسىز، لېكىن بالىڭىز خۇشال ھالدا كىيىملەرنى ئۇياق-بۇياققا تېپىشكە باشلايدۇ. سىز «جىم تۇرە!» دەپ توۋلايسىز، بالىڭىز ئۈمچىيىپ توختاپ قالىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«ئەگەر مېنى كىيىملەرنى قالايمىقا قىلمىسۇن دېسىڭىز <ئۇنداق قىلماڭ> دېسىڭزلا بولمىدىمۇ. سىزنىڭ <كىيىملەردىن يىراق تۇرۇڭ> دېگەن گېپىڭىز ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ ئىكەن، مەن چۈشەنمىدىم. يەنە بايا ئۆزىڭىز مۇشۇ كىيىملەرنى ئويناۋاتاتتىڭىزغۇ، مەن ئوينىسام نېمە بولۇپتۇ؟»

ئۇنداقتا، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كىچىككىنە خاپىلىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرىستېتىدىكى نىلسون پروفېسسورنىڭ قارىشىچە بىر ياش ئەتىراپىدىكى بالىلارنىڭ سۆزلەرنى ئەستە ساقلاش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك بولىدىكەن. ئەگەر سىز بالىغا «ئالمىنى يېسىڭىز بولمايدۇ.» دېسىڭىز بالىنىڭ چوڭ مېڭىسى پەقەت ئالمىنى يېيىش دېگەن گەپنى قۇبۇل قىلىپ ئالمىنى داۋاملىق يەۋېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىنى بىرەر ئىشتىن توسماقچى بولسىڭىز «ئۇنداق قىلماڭ»، «تاشلاڭ» دېگەندەك ئاددى، قىسقا گەپلەرنى قىلسىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇنلار بىلەن ئۇنىڭ دېقىتىنى بۇرىسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

بىر مەيدان ئۇيۇنچۇقنى قوغداش جېڭى
بالىنىڭ ھەركىتى:
بىر نەچچە كىچىك بالىلار ھويلىدا ئويناۋاتقاندا، قوشنىڭىزنىڭ بالىسى بالىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقىنى ئەمدىلا قولىغا ئالغاندا بالىڭىز «بۇ مېنىڭ!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۇيۇنچۇقنى تالىشىدۇ. سىز «بالام 5 مىنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ، نۆۋەتلىشىپ ئويناڭلار» دېسىڭىزمۇ ھېچكىم گېپىڭىزگە قۇلاق سالماي بىر مەيدان ئۇيۇنچۇق تالىشىش جېڭىنى باشلىۋېتىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«ماڭا ئۇيۇنچۇقىڭنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئوينا دەمسەن؟ نەدە شۇنداق ئىش بار ئىكەن. سەنمۇ ماشىنا، يانفون، پورتمال دېگەندەك نەرسىلىرىڭنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتمەيدىكەنسەنغۇ؟ دائىم 5 مىنۇت، 5 منىۇت دەۋېرىدىكەنسەن، نېمە ئۇ 5 مىنۇت دېگەن، ئەگەر مەن ئاشۇ 5 مىنۇت دېگەن نەرسىنى ئاۋال تېپىۋالسام ھېچكىمگە بەرمەي ئۆزۈم ئوينايمەن!»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
ئادەتتە كىچىك بالا پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، باشقىلارنىڭ ھىسياتىنى ئويلىشىپ بولالمايدۇ. يەنە ئۇلاردا ئاساسەن ۋاقىت ئۇقۇمى بولمايدۇ.شۇڭىلاشقا << رادىئودا ئېيتىۋاتقان ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن سىز ئويناڭ>> دېگەندەك گەپلەرنى دېسىڭىز بىرئاز ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئۈيۇنچۇق تالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا بالىلار كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلار دائىم تالىشىدىغان ئۇيۇنچۇقلارنى يۇشۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ نەرسىلەرنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى بىلمەسلىكىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، كىيىنچە ئۇلار باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى، نەرسىلەردىن تەڭ بەھىرلىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

سېرىك ئويۇنىدىكى كۈتۈلمىگەن باشلىنىش
بالىنىڭ ھەركىتى:
سىز ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ، چىداپ تۇرۇپ قىممەت بېلەت ئېلىپ بالىڭىز بىلەن بىرگە سېرىك ئويۇنى كۆرگىلى بارىسىز. چۈنكى كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى سېرىك ئويۇنى كۆرۈشكە بولغان ئىنتىزارلىق تۇيغۇسى سىزدە ھازىرمۇ بار. لېكىن مىغ-مىغ ئادەم بىلەن تولغان ۋاراڭ-چۇرۇڭ تىياتىرخانىغا كىرگەندە بالىڭىز ئۆيگە كېتىمەن دەپ يىغلاپ سىزگە ئارام بەرمەيدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«بۇ يەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھەم قىستا-قىستاڭ ئىكەن، ئادەملەر كارتون فىلىمدىكى مەخلۇقلاردەك غەلىتە كىيىملەرنى كىيىپ سەكرەپ-تاقىلاپ يۈرۈيدۇ، مەن بۇ يەرنى قەتئى ياقتۇرمىدىم، مەن بۇ يەردىن كېتىمەن.»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
«پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە چوڭلار بالامنى خۇشال قىلىدۇ.» دەپ ئويلىغان نۇرغۇن ئىشلار بالىنى قورقۇتۇپ قويىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق چوڭ پائالىيەتلەرگە ئېلىپ بارماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىزغا پسىخىك تەييارلىق قىلدۇرۇڭ. پائالىيەتكە بېرىشتىن بۇرۇن بالىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت، فىلىم دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرسەتسىڭىز بالىڭىز پائالىيەت مەيدانىدا ئۇنداق جىددىلىشىپ ئالاقزادە بولۇپ كەتمەيدۇ.


ياخشى نىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوڭايسىزلىق
بالىنىڭ ھەركىتى:
بىر ئائىلە دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بارغاندا بالا پۈتۈن دىقىتى بىلەن قۇمنى كولاپ ئوينايدۇ. سىزگە بىر قىسقۇچ پاقا ئۇچراپ قېلىپ بالامغا كۆرسەتسەم خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ كېتىدىغۇ دەپ ئويلايسىز. لېكىن قىسقۇچ پاقىنى بالىڭىزغا كۆرسەتسىڭىز ئۇ قاراپمۇ قويمايدۇ، ئەكسىچە سىز ھېچقانداق قىزىقى يوق دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بالىڭىز قۇمنى كولاپ ئويناۋېرىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«مەن پۈتۈن دېقىتىم بىلەن بىر ئىش قىلىۋاتقاندا ئۆزىڭىز قىزىقارلىق دەپ ئويلىغان نەرسە بىلەن دېقىتىمنى بۆلمەڭ. ماڭا نىسبەتەن ئوي-خىياللرىمنى بىر نەرسىدىن يەنە بىر نەرسىگە يۆتكەش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئىش.»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:

سىز يېڭىياچە، قىزىقارلىق نەرسە تېپىۋالسىڭىز ئۇنى بالىڭىزغا كۆرسىتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىسىز. لىكىن بالا ئۆزىنىڭ شەكلى ۋە رېتىمى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىلار خېلى چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئوي-خىيالىنى بىر نەرسىدىن يەنە بىر نەرسىگە يۆتكىيەلەيدۇ. ئەگەر سىز بىر قىسقۇچ پاقىنى ھەقىقەتەن بالىڭىزغا كۆرسەتكىڭىز بولسا قىسقۇچ پاقىنى كىچىك قاپقا سېلىپ بالا ئۆزى خالىغان چاغدا كۆرۈشكە بەرسىڭىز بولىدۇ. بالىنىڭ پۈتۈن دېققىتى بىلەن بېرىلىپ ئوينىشى بالىنىڭ دېققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بۇمۇ ناھايىتى مۇھىم.

ئادەتتىن تاشقىرى جاھىللىق
بالىنىڭ ھەركىتى:
«شەكىل تونۇش» ئويۇنى ئوينىغاندا بىر يېرىم ياشلىق بالىڭىز ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىنى بىر ئامال قىلىپ چاسا تۆشۈككە تىقماقچى بولىدۇ. سىز شەكىلنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋېلىپ ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىنى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تۆشۈككە تىقىشنى كۆرستىپ بەرمەكچى بولسىڭىز، بالىڭىز سىز كۆرسىتىپ بەرگەننى ئۆگىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، شەكىلنى تالىشىپ باشقا شەكىللەر بىلەن سىزنى ئۇرىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«ئەگەر مەن ھەرخىل ئۇسۇللارنى سىناپ باقمىسام، ئۈچ بۇلۇڭنىڭ چاسا تۆشۈككە تىققىلى بولمايدىغانلىقىنى قانداق بىلىمەن. مەن ئۆزەمنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىمنى ئۆگىنىپلا قالماستىن يەنە نېمىنى قىلالمايدىغانلىقىمنىمۇ بىلىشىم كېرەك. يەنە مېنى بىكار ئاۋارە بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، مەن ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى مەشىقى قىلىۋاتىمەن.»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
سىز بالىڭىزغا ياردەم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ياردەمگە ئىھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ. ئەگە بالىڭىز ياردىمىڭىزنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ناھايىتى پەرىشان كۆرۈنسە، ۋەزىپىسىنى ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەڭ. ئادەتتە ئاتا-ئانا بولۇش ناھايىتى سەۋرىچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. سىز بالىڭىزنىڭ بارغانچە كۆپ ئىشلارنى قىلالىشىغا ئەگىشىپ بالىڭىزنىڭ سىزگە كۈنسېرى ئىھتىياجى چۈشمەسلىكىگە كۆنۈشىڭىز كېرەك.

ۋاننىغا كىرىشنى قەتئى خالىماسلىق
بالىنىڭ ھەركىتى:
بالىڭىز ئادەتتە يۇيۇنۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتى. لېكىن بۈگۈن ئەھۋال بىنورمال، قارىماققا ئۇ سۇدىن بەك قورقىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى ۋاننىغا ئەكىرمەكچى بولسىڭىز ئۇ ۋارقىراپ يىغلاپ كېتىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«تۆنۈگۈن يۇيۇنغاندا قارىسام سوپۇن ماغزاپلىرى ۋاننىنىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن ئېقىپ كەتتى، شۇڭا مەنمۇ شۇ تۆشۈكتىن ئېقىپ كېتىشتىن قورقتۇم.»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
ئەگەر بالىڭىز بىر نەرسىدىن قورقۇپ قىلىشنى خالىمىسا ئۇنىڭ ھىسياتىنىمۇ ھۆرمەتلەڭ. تورونتولىق بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسسى توبىننىڭ قارىشىچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھەمىشە توپتوغرا چۈشۈنۈپ كېتەلمەيدىكەن. بالىلارمۇ بەزىدە ئاتا-ئانىلارنى بەك «يولسىز» ھېس قىلىدۇ. مەسىلەن: گەرچە بالىلارنىڭ يولغا چىقىپ چىرايلىق ماشىنىلارغا قول پۇلاڭلىتىپ قويغۇسى بولسىمۇ ئاتا-ئانىلىرى يول قويمايدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كەيپىياتىغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولماي، ئۇلارنىڭ كۆنۈۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا بالىڭىز ۋاننىغا كىرىشنى خالىمىسا ۋاقتىنچە ۋاننا سىرتىدا يۇيۇندۇرۇپ تۇرۇڭ.

نېمىلا دېسە ياق دېيىش
بالىنىڭ ھەركىتى:
يېقىندىن بۇيان «ياق» بالامنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغان گېپىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر ئۇنىڭدىن «قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز بىر تەرەپتىن پىرەنىكنى يوغان-يوغان چىشلەپ يەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككىلەنمەي «ياق!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى دوستانىلىق بىلەن بىللە ئويناشقا تەكلىپ قىلسىڭىز ئۇ قەتئىيلىك بىلەن «ياق» دەيدۇ-دە، ئۇيۇنچۇق سېۋىتىدىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقىنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«مەن <ياق> دېيىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بىلىدىغان سۆزلىرىم كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن <ياق> دېگەندە سىزنىڭ ئاچچىقلىغان ھالىتىڭىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ خېلى تەسىر كۈچۈم باردەك ھېس قىلىمەن.»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
بالىڭىزنىڭ خالىغانچە ئۆزىنىڭ «تەسىر كۈچى» نى نامايان قىلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئۇ ياق دېسىمۇ ئۇنىڭ بەك يېگۈسى ياكى ئوينىغۇسى بار دەپ قارىغان نەرسىڭىزنى بېرىۋېرىڭ. يەنە گەپ قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: «تاماق يېدىڭىزمۇ؟» دېگەننىڭ ئورنىغا «ماۋۇ توخۇ گۆشى ئەجەب مېزىلىك ئىكەن، مېنىڭ بىراقلا يېۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.» دېسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

چوڭ بولۇش جەريانىدىكى ئىشلار

بالىنىڭ ھەركىتى:
بۇرۇن بالىڭىز ھەر قېتىم باغچىدا سىيرىلغۇچتا سىيرىلىپ  چۈشكەندە قولۇمنى تۇتۇپ بىرگە چۈش دەپ تۇرۇۋالاتتى. لېكىن بۈگۈن «سەن ئارقىدا تۇرۇپ تۇر، ئۆزۈم چۈشىمەن» دەپ تۇرىۋالدى. باغچىدىن قايتقاندا مېنى زادى كۆتۈرمىسەڭ بولمايدۇ دەپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«بەزىدە چوڭ ئادەم بولسام دەيمەن، بەزىدە بوۋاقلىقىمغا قايتسام دەيمەن. يەنە بەزىدە چوڭ ئادەم بولغۇممۇ كېلىدۇ، بوۋاق بولغۇممۇ كېلىدۇ. بەلكىم بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ قايمۇقۇپ قالغانسىز، ھەي، بەزىدە ئۆزەممۇ قايمۇقۇپ قالىمەن.»

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
سىز بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ بىنورمال ئۆزگىرىشىگە كۆنۈشىڭىز كېرەك. بالىڭىز سىزگە قوپاللىق قىلغاندا ئاچچىقلىنىپ كەتمەڭ. ئىككى ياشتىن ئاشقا بالىلار كۆپ جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ يېنىدا بولسىڭىز ئۇ تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن بىر ئىشلارنى قىلالايدۇ. بالا ئۆسۈپ يېتىلىش جەرياندا نۇرغۇن يېڭى ھىسيات، مەسئۇلىيەت ۋە ئىقتىدارلارغا دۇچ كېلىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىل بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، بالىڭىز بۇ ۋاقىتتا مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگۈدەك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button