بالىلار تەبىئىيلىكى، سەبىيلىكى بىلەن ئوماق ھەم چىرايلىق
دوستۇمغا ھەمراھ بولۇپ پەردازخانىغا كىرگەنىدىم. پەردازخانىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا ئۆچىرەت ساقلاشقا توغرا كەلدى. شۇ ئەسنادا يەتتە ياشلاردىكى بىر قىزنىڭ چاچ ياساش ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئەسلىدە گىرىمچىك قىزنىڭ ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ قىزنىڭ چېچىنى بۈدرە قىلىۋاتقانىكەن. گىرىمچىك بۈدرە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان توك تايىقىنى ھەر قېتىم قىزنىڭ بېشىغا يېقىن ئەكەلگەندە قىز قورققىنىدىن: «ئاپا، چېچىمنى بۈدرە قىلمايمەن» دەپ يالۋۇرۇپ يىغلايتتى.
–تولا يىغلاۋەرمەڭ، ئەتتىگەن كىرپىكىڭىزنى قايرىغاندا جىم تۇرماي قاپىقىڭىزنى زىدە قىلىۋالدىڭىز، ئەمدى جىم تۇرمىسىڭىز بېشىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالىسىز. قاراڭ، تويدا ھەممىدىن چىرايلىق بولامدىكىن، دەپ قىلغان گىرىمنى بىر يىغلاپلا بۇزدىڭىز،-دېدى ئانا قىزىغا كايىغان تەلەپپۇزدا.
ئەسلىدە بۈگۈن بۇ ئايالنىڭ دوستىنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى ئىكەن. ئايال قىزنى سۈننەت تويغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئالايىتەن پەردازخانىغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، قىز ئانىسىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقماي يىغلاپ، «چىرايلىق يۈزى» دىكى گىرىمنى بۇزۇۋەتكەن. ئىككى تاسما بىلەن دولىسىغا ئېسىۋالغان ئاتالمىش «ئەتلەس توي كۆينىكى» نىمۇ مەينەت قىلىۋەتكەنىدى. دوستۇمنى ساقلىغاچ، قىزچاقنىڭ چىرايىغا سەپ سالدىم، قىزنىڭ ئوماق چىرايى تۇتۇلغان، قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەنىدى، ئوڭ قاپىقىنىڭ كىرپىك قايرىغۇچتا قىسىلغان يېرى قىزىرىپ قالغانىدى. قىزنىڭ يۈزىدىكى قېنىق گىرىم ئۇنى يا چوڭ ئادەمگە، يا كىچىك بالىغا ئوخشىمايدىغان سىياققا كىرگۈزۈپ قويغانىدى. ئويلاپ قالدىم: بالىلار پەردازسىزمۇ شۇنداق ئوماق، چىرايلىققۇ؟ نېمە كىيسە يارىشىدىغۇ؟ بۇ قىزچاققا گىرىم قىلىنمىغان ئۇچىسىدىكى ئەتلەس كۆينىكى مىللىي پاسوندا تىكىلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئوماق، سۈتتەك چىرايى تېخىمۇ ئېچىلىپ، پەرىشتىگە ئوخشاپ قالماسمىدى…
بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسىنىڭ «ئائىلە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلايلى» ناملىق پروگراممىسىدا كىچىك بىر قىز نەي چېلىپ مۇزىكا ئورۇندىغاندا، يېشىغا ماس كەلمىگەن غەلىتە ھەرىكەت، غەلىتە چىراي ئىپادىلىرىنى چىقارغانىدى. پروگرامما رىياسەتچىسى قىزچاقتىن چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتمەي، تەبىئىي چېلىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن قىز تەبىئىي چېلىشقا تىرىشسىمۇ، چىراي ئىپادىسىنى ياخشىلىيالمىدى. ئۇ قىز: «ئاپام مۇشۇنداق چىرايلىق كۈلۈپ چالمىسىڭىز نەتىجە ئالالمايسىز دېگەنىدى»، دېدى. پروگرامما رىياسەتچىسى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بۇ قىزغا چوڭلارغا خاس چىراي ئىپادىسىنىڭ، چىرايدىكى گىرىمنىڭ پەقەتلا ياراشمىغانلىقى، بالىلارنى چوڭلارغا خاس قىلىقلارنى قىلىشقا زورلاشنىڭ ئۇلارغا ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەربىيە قىلغانىدى.
تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلىرىمىز نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدىغان، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرىدىغان بولدۇق. بۇ نورمال ئەھۋال. لېكىن، جەمئىيەتكە نەزەر سالساق، بالىلارغا زىيادە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيدۈرىدىغان ئۇلارغا زىيادە گىرىم قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بالىلار چوڭ بولۇپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكىدەك بولغاندا، قانداق ياسىنىش، قانداق كىيىنىش توغرىسىدا ئۆزىگە خاس تونۇش شەكىللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ياسىنىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن بالىلارغا زورمۇ زور ئوچۇق كىيىملەرنى كىيگۈزۈش، گىرىم قىلىش ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى، قەدىر-قىممەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
توي-تۆكۈنلەردىكى ھەشەمەتچىلىك ۋە چوڭلارنىڭ شۇنىڭغا يانداشقان ياسىنىش-تارىنىش چىقىملىرىنىڭ زىيادىلىقىنى تۈزەپ بولالماي تۇرۇپ، بالىلىرىمىزنىمۇ بۇ قاينامغا باشلاپ كىرسەك توغرا بولارمۇ؟ بالىلار ئۇچىسىدىكى ئېسىل كىيىمى، قىلغان گىرىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ سەبىيلىكى، تەبىئىيلىكى بىلەن ئوماق ھەم چىرايلىق. بالىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە زىيادە ئىتىبار بېرىپ، تەبىئىتىگە، ئىچكى گۈزەللىكىگە سەل قاراش، ئۇلارنى چىرايلىق ياساشنىلا بىلىپ، ھايالىق، بىلملىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماسلىق زور مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىللىي كىيىم-كېچەك ئەنئەنىمىزنىڭ ئېسىل دۇردانىسى بولغان ئەتلەستە يېرىم يالىڭاچ كۆرىنىدىغان كىيىملەرنى كىيىش ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىمىزگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىك. بۇ قىلمىشلارنى تۈگۈتىش، بالىلارنى ئۆزىگە خاس تەبىئىيلىككە ئىگە قىلىپ، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ئىچىمۇ-تېشىمۇ گۈزەل قىلىپ تەربىيەلەش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.