بالىلار دۇنياسى

پەرزەنتلەرنى تور خۇمارلىقىدىن تارتىپ چىقىرايلى

ئىلاۋە: ئالاقە تورى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە قاتمۇ-قات رىقابەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ ياشلىق مەزگىلىدىكى بالىلار «تور كېمىسى» تەرىپىدىن قايمۇقۇپ قېلىپ  ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايۋاتىدۇ. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ياش-ئۆسمۈرلەر پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى كوڭ چىڭمېي ئائىلە باشلىقلىرىغا بالىلارنى قانداق قىلىپ تور خۇمارلىقىدىن تارتىپ چىقىرىش ھەققىدە دەرس بەردى.

تور خۇمارلىقى بولسا پسىخىكىدىكى بىر خىل ئۆزىدىن قانائەتكە ئېرىشىش. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، ھېسسىياتى ۋە ھەركىتى تور تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەتتا تورغا چىقىش ئۈچۈن ھەممە ئىشلارنى تاشلايدۇ. تورغا چىقمىغان ۋاقىتلاردا بىئاراملىق، پۈتۈن بەدىنى يىقىمسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاخىرىدا سالامەتلىككە تەسىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە روھىي چۈشكۈنلىشىش، تېرىككەكلىك، غېرىبلىق، ھەتتا خاراكتېرى  بۇرۇلۇشقا ئۆزگىرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ %80 تور خۇمارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ تور خۇمارلىقى بولسا قۇرامىغا يەتكەنلەر خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب؛ بالىلارنىڭ نۇرغۇن زوراۋانلىق ھەركەتلىرىمۇ توردىن ئۆگىنىلگەن.

بىر تەرەپتىن، تورنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك قىزىقتۇرۇش كۈچى بار: ئۇل رېئاللىقنى يوشۇرالايدۇ؛ ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە بىر تەرەپتىن، شەخس خاراكتىرىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە مۇۋاپىق بولمىغان ئائىلە تەربىيەسى، مەسىلەن: ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەمچىللىكى، سەزگۈر بولغان ئىچكى مايىللىق، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى، ئېتىبارسىز قارىشى ۋە  ياكى مەجبۇرلاشلىرى بالىلارنى تورنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىتىدۇ.

تور خۇمارلىقىدىن خوشلىشىش ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپنى ئىگىلىشى كېرەك.
بىرىنچى، تورنى چەكلىۋەتمەي بەلكى قويۇپ بېرىشى كېرەك. بالىلار تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى ئائىلە باشلىقلىرى كومپيۇتېرنى تور سىمىدىن ئۈزىۋېتىش ئارقىلىق ئائىلىدىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋىتىدۇ. ئائىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ تورنى ئۈزىۋەتمەستىن ۋە ئارىلىشىۋالماستىن بەلكى سوغۇق قانلىق بىلەن بالىنىڭ تورغا چىقىشتىكى تۈپكى سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

بالىلارنى تور خۇمارلىقىدىن تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئاتا ئانىلار كۆپ تەرەپتىن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز يازما داۋامىدا بولسۇن!!!

ئىككىنچى، بالىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ  ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ بالىلارنى «تىزگىنلەش»كە ئەمەس بەلكى «تەربىيەلەش» گە توغرا كېلىدۇ. بەزى بالىلار بىردىنلا تور خۇمار بولۇپ قالماستىن بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشەنمەسلىكى، كومپيۇتېرغا ئۇچراشقاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلگۈدەك قارىشى تۇرۇشى بالىنى ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنمەس قىلىپ بارا-بارا تورغا كىرىشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار كومپيۇتېرنى بالىلارنىڭ ھۇجرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ خالىغانچە ئويناشقا قويۇپ بەرمەستىن بەلكى مېھمانخانا دىگەندەك ئائىلىدىكىلەر ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئورۇنغا قويسا بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button