بالىلار دۇنياسى

بالىلارنىڭ تازىلىقى ۋە ساقلىقىنى ساقلاش

  1. بالىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى چوقۇم قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەمدە ئۇنى خاتىرىلەپ مېڭىش كېرەك.بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش شۇنداقلا بالىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بورۇن بايقاپ بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
    a. بىر يېرىم ياشنىڭ ئىچىدىكى بالىنى سېۋەتكە سېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشكە بولىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بالىنى تۈز ياتقۇزۇپ، بالىنىڭ پۇتىنى تۈز سۇنۇپ ياتقۇزۇپ، ياغاچ تاختاينى بالىنىڭ تاپىنىغا قويۇپ ئۆلچىگەندە، بالىنىڭ بېشىدىن بۇ تاختايغىچە بولغان ئارىلىق دەل بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بولىدۇ.
    b. ئەڭ ياخشىسى ھەر ئايدا بىر قېتىم بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش كېرەك. ھەمدە ئۆلچەش نەتىجىسىنى ساقلىقنى ساقلاش كارتىسىغا تولدۇرۇپ مېڭىش كېرەك.
    c. ئەگەر مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ساقلىقنى ساقلاش كارتىسى بولمىسا، ئۆزىمىز بىرنى ياساپ چىقساقمۇ بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ جەدۋەل تۈزۈپ بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكىنى خاتىرىلەپ ماڭساق بولۇۋېرىدۇ.
  2. بالىنىڭ ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، بالىنىڭ كېسەللىك باكتېرىيىسەدىن يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل بولۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
    a. دائىم بالىنى يۇيۇپ تۇرۇش بالىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ تەن-سالامەتلىكىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى بايقاپ تۇرۇشقا پايدىلىق.يۇيۇپ تۇرۇش بوۋاققا نىسبەتەن بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
    b. ھەر قېتىم بالىغا بىر نەرسە يېگۈزۈشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ قولىنى يۇيۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.ئەلۋەتتە، چوڭلارمۇ قولنى يۇيۇپ تۇرۇشى كېرەك.
    c. چوڭلار ھەرگىزمۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بالا بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. بالىغا چوقۇم مەخسۇس لۆڭگە، داس، يوتقان تەييارلاپ بېرىش كېرەك.
    d. بالىنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى پاكىز ساقلاش كېرەك. دائىم بالىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى، يوتقان، بالا ئوينايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك ھەمدە دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button