بالىلار تەربىيەسى

پەرزەنتىڭىز ئۆمۈر بويى مەنپەئەتلىنىدىغان 9 خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ

ئەقىل-پاراسەتلىك ئاتا-ئانىلار پەرزەنتى كىچىك چېغىدىلا ئۇنىڭدا ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ، بۇ خىل ئاڭسىز رەۋىشتە يېتىلگەن ئادەت پەرزەنتلەرگە بىر ئۆمۈر مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، تۆۋەندىكى توققۇز خىل ئادەت سىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىڭىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ئادەتلەردۇر.
بىرىنچى: ئاكتىپ تاللاش
1. پەرزەنتىڭىزگە ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭ. بۇ ئارقىلىق پەرزەنتىڭىز ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ يامان تەرىپىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالسۇن.
2. پەرزەنتىڭىزگە ئاكتىپ نەزەردە مۇئامىلە قىلىڭ. پەرزەنتىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاڭ ۋە نامايەن قىلدۇرۇڭ، ھەم ئۇنىڭغا مەسىلىلەرگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشنى، مەسىلىلەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈشنى ئۆگىتىڭ ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇڭ.
3. پەرزەنتىڭىزدە ساقلانغان كەمچىلىكلەرگە ئوبىيكتىپ قاراپ، پەرزەنتىڭىزنىڭ چوقۇم بۇ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
4. پەرزەنتىڭىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغدا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ مەسىلىلەرگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە قاراشنى ئېيتىڭ.
5. ئائىلىدە ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام كەيپىيات يارىتىڭ.

ئىككىنچى: مۇستەقىللىق ھەممىنىڭ ئاساسى
1. پەرزەنتىڭىزگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقىشىغا ياردەم قىلىڭ
ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆز بالىسىنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرمۇش جەريانىدا ھەر خىل پۇرسەتلەرنى، شەرت-شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق بالىغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقايدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار كىچىك، ئاسان يەتكىلى بولىدىغان نىشانلارنى بېكىتىپ بېرىش ئارقىلىق، پەرزەنتىنى غەلبە تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق مۇستەقىللىقنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلدۇرسا بولىدۇ.

  1. مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان چاغدا مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەك
    ھاۋا سوغۇق بولۇپ كەتكەندە، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بالىغا «ھاۋا سوغۇق، قېلىن كىيىنگىن» دېيىشنىڭ ئورنىغا، بالىسىنىڭ ئۆزى سوغۇقنى ھېس قىلىپ، سوغۇق بولغاندا قېلىن كىيىم كىيىش كېرەكلىكىنى ئۆزى بايقاش پۇرسىتى بەرسە تامامەن بولىدۇ. پەرزەنتىدە مۇستەقىللىق ئېڭى يېتىلدۈرۈشتە ئاتا-ئانىلار بەزىدە سەل قاتتىق قولراق بولۇپ، ھەممىلا نەرسىنى تەل قىلىپ بەرمەسلىكى كېرەك.
    3. بالىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش بالىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ ئاساسى
    ۋاسكىتبول پادىشاھى دەپ نام ئالغان جورداننىڭ ئاپىسى ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىكەن: ئەڭ قاتتىق قوللۇقنى تەلەپ قىلىدىغان، ئادەمنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان مەسىلە شۇكى، پەرزەنتىمىزنى بىز باشلاپ بەرگەن يول بويىچە تەرەققىي قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە مۇستەقىل قارار قىلىشقا يول قويۇش. مانا بۇ جورداننىڭ ئاپىسىغا ئوخشاشلا بۇ ئالەمدىكى پۈتۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئەنسىرەيدىغان ھەم بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. بىراق، پەرزەنتىمىزنى ھەقىقىي مۇستەقىل بولسۇن دەيدىكەنمىز، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار مۇشۇ نۇقتىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
    4. بالىنى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش

  مۇستەقىل ھەرىكەت مۇستەقىل تەپەككۇردىن كېلىدۇ، بەزى چاغلاردا بالىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلىغىنى بىردەك چىقمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار ئالدىراپلا بالىنىڭ ئويىنى ئىنكار قىلىۋەتمەستىن، ئۇلاردىن نېمىشقا بۇنداق ئويلىغانلىقىنى سورىغاچ، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، بالىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى مۇستەقىل ئىپادىلىشىگە يول قويۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى: كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈڭ
1. ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، ئاساندىن قېيىنلىققا قاراپ، ئائىلىدە بالىلارغا مەقسەتلىك ھالدا بەزىبىر مۇۋاپىق، كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى مەسىلەن: ئۆي تازىلاش، گۈللەرگە سۇ قۇيۇش قاتارلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقنى كۆزىتىش، ئىش تۈگىگەن ھامان رىغبەتلەندۈرۈپ ماختاش كېرەك.
2. بالىسىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان پىكىرىنى ئاڭلاش
دائىم پەرزەنتىڭىزگە ئۆينىڭ كىرىم –چىقىم، مېھماندارچىلىق، بېرىش-كېلىش ئىشلىرىنى سۆزلەپ، بۇ جەرياندا بالىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلاش، ياكى بالىغا بىرەر ئامال چارە ئويلاتقۇزۇش كېرەك. ئاتا-ئانا بولغۇچى دائىم ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلۇق پىكىرىنى قوللانغان چاغدا، بالىدا چوقۇم ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئاڭسىز ھالدىلا شەكىللىنىدۇ.
3. بالىدا «ئۆزگىگە مۇلازىمەت قىلىش» ئېڭىنى تىكلەش، ھەرگىزمۇ بالىنى دائىملا «سەن تېخى كىچىك، بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ساڭا بالدۇر» دېمەسلىك كېرەك. بالىغا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.
بالىلارنىڭ يېتىلىش باسقۇچى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چوڭلارنىڭ نەزىرىدىكى بەزى بالىلار قىلالمايدۇ دەپ قارىغان ئىشلارنى، بالىلار ئاللىبۇرۇن قىلىشنى ئۆگىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار ئامال بار بالىلارغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلار ئۆزگىگە ھەم ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
4. ھەر قانداق ئىش قىلغاندا نەتىجىنى تەكىتلەپ، بالىلارغا بىر ئىشنى يا قىلماسلىق، قىلغانىكەن ئەستايىدىل قىلىپ، چوقۇم بىر نەتىجە قازىنىشنى ئۆزىگە تەلەپ قىلىشنى ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.
5. ئاتا-ئانىلار ئاسانلا بالىلارغا ۋەدە بەرمەسلىكى كېرەك. بالىلارغا قويغان تەلەپ ئۇلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىشى كېرەك، بولمىسا بالىلار ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، يالغان گەپ قىلىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ.

تۆتىنچى: مەڭگۈ قەيسەر بولۇش
1. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلارغا مەلۇم كونكىرېت نىشاننى بېكىتىپ بېرىپ، ھەر كۈنى شۇ نىشان بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، ھەمدە ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.
2. بالىلار مەلۇم ئىشنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ مەلۇم نەتىجە قازانغان چاغدا، ئۇلارغا مۇكاپات بېرىش لازىم. مۇكاپات ماددى نەرسە بولسىمۇ ياكى بىر كۈلۈمسىرەش، ۋە ياكى بىر تۆھپىنى خاتىرىلىگەن نۇمۇر بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ، مۇھىمى بالىغا ئىزچىللىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئىزچىل قىلسىلا ھامان نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
3. ئاسان يېتەكلىيەلەيدىغان ئىشتىن باشلاپ بالىغا ئاستا-ئاستا قەيسەر بولۇشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك قەيسەر-چىداملىقنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
بەزى ئاتا-ئانىلار دائىم ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى يوقتەك، ئىش قىلسا باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغاندەك ئويلىۋالىدۇ، ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار باتۇر، قەيسەر، چىداملىق بولۇش تۇغۇلىشىدىن تەبىئىي بولىدۇ، يېتەرسىز يېرىنى تەربىيىلەپ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قەيسەر چىداملىقنى يېتىلدۈرۈش پۈتۈنلەي مۇمكىن، ئادەتنى يېتەكلەش قەيسەر چىدامنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. قەيسەر چىدام روھ مانا مۇشۇنداق ئادەتنى تەربىيىلەش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ۋە كۈچىيىپ بارىدۇ، پەيدىنپەي يېتىلىۋاتقان ئىرادە جاسارەت ئەكسىچە ياخشى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
بەشىنچى: ئىشەنچكە تولۇش
1. ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا
مۇبادا بىر ئادەم ئاكتىپ كەيپىياتتا ئۆزىگە قارىسا، ئۇ ئاسانلا ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. مۇبادا بىر ئادەم دائىم پاسسىپ كەيپىياتتا ئۆزىگە قارىسا، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا ئانا بولغۇچى بۇ تەرەپتىن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئاكتىپ كەيپىياتتا مۇئامىلە قىلىشىغا ياردەم بېرىشى لازىم.
2. ئۆزىگە ئىشىنىشمۇ بارا-بارا توپلىنىدۇ
بىر ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش كىشىگە ئۆزىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئەكسىچە بىر ئىشتا سەللا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش كىشىنىڭ ئىشەنچىسىنى يوققا چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزى قىلالمايدىغان نىشانلارنى بېكىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولغاندا بالىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەيلا قالماستىن، بالىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدىغان گەپ.

  1. بالىلاردا مىقتەك روھنى يېتىلدۈرۈش كېرەك
    مىخنى قاتتىق تامغا قېقىپ ماڭدۇرغىلى بولۇشتىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن ئۇنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق يەنى ئۇنىڭ نىشانى (مىخنىڭ تام يۈزى بىلەن بولغان تېگىشىش يۈزى)ئانچە چوڭ ئەمەس. ئىككىنچىدىن مىخنى قېقىش ئۈچۈن، بولقا ئىشلىتىمىز، بۇنداق بولغاندا بولقىنىڭ مىخقا چۈشۈرىدىغان كۈچى قاتتىق تامنىڭ مىخقا نىسبەتەن قارىشىلىق كۈچىدىن چوڭ بولغاچقا مىخنى تامغا قېقىپ ماڭدۇرۇش مەقتىسىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇبادا بىز بولقىنى ئىشلەتمىگىنىمىزدە، مۇشتىمىز بىلەن قانچە ئۇرساقمۇ مىخ تامغا كىرەلمەيدۇ، چۈنكى كۈچ بەك ئاز. دېمەك، ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق مىساللارنى بالىغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، بالىلارغا نىشان بىلەن كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، نىشاننى بەك چوڭ قىلىۋالماسلىقنى، بىراق چوقۇم زور كۈچ سەرپ قىلىشنى، ئۆزىدە مىختەك روھ بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
    4. بالىلارغا ئۆزىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
    دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئورنى بولىدۇ. بالىغا مۇشۇ قانۇنىيەتنى سۆزلەپ بېرىش، بالىنى كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، تاغلارغا ئاپىرىپ سۇلارنى، ئوت-چۆپلەرنى، ياۋايى چان-جانىۋارلارنى كۆرسىتىش كېرەك. بالىلارغا تاغنىڭ تاغقا خاس ھەيۋىتى بولىدىغانلىقىنى، سۇلارنىڭ سۇغا خاس شىر-شىرى بولىدىغانلىقىنى، گۈللەرنىڭ رەڭگارەڭ ئېچىلىپ خۇش-پۇراق چاچىدىغىنىنى، ئوت-چۆپلەرنىڭ ياپيېشىل تۇرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسىتىش، ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا بالىسىنىڭ باشقا بالىلارغا قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدە قىلالايدىغان ئىشى بارلىقىنى بايقىتىش ۋە ۋاقتىدا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى: ھۆرمەتلەشنى بىلىش
1. باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ كىشىنى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىدا. مەيلى ئۆزىنى ھۆرمەتلەش بولسۇن، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش بولسۇن، بىزدىن بىر خىل قېلىپلىشىپ قالغان نەزەردە كىشىگە قارىماسلىقنى، كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر نەرسە كۈتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ قىلمىشى ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا.
2.  بالىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. دائىملا بالىنى تەربىيە ئوبىكتى دەپ قارىۋالماسلىق، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش لازىم. بۇنداق بولغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، كىشىلەرنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەتكەن بولىدۇ.
3.  باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۇنىڭ كۆز-قارىشىنى ھۆرمەتلەشلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، باشقىلار تازىلىغان يەرگە قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق، باشقىلار سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا رەھمەت ئېيتىش.
4. ئوخشىمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش. كىشىلىك ھۆرمەتنىڭ تەكىتلەيدىغىنى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق تەسىراتى، يەنى ھەر بىر ئادەم ياشاش جەريانىدا ئوخشىمىغان شارائىتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرگە يولۇققاندا، بالىلارغا ئۇلارغىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن ئەمەس بەلكى چىن قەلبى بىلەن ئۇلار بىلەن سىردىشىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
5.  ھۆرمەتلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دېموكراتىيە. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە ئامال بار دېموكراتىك كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. بۇ ئۈنسىز تەربىيەگە كىرىدۇ.

يەتتىنچى: سەمىمىي بولۇش
1. ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇپ، ھەرىكىتى بىلەن قەلبىنى بىردەك قىلىشى كېرەك. خىزمەتداشلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ، خولۇم-خوشنىلارنىڭ گېپىنى قىلغاندا بالىلارغا سەمىمىي بولۇشنى، لەۋزىدە تۇرۇشنى ئۆگىتىشى ۋە ئۆزىمۇ ئۈلگە بولۇشى لازىم.
2. مەسىلە كۆرۈلسە ئاتا-ئانا بولغۇچى مەسئولىيەتنى خەققە دۆڭگەپ قويماسلىقى، بالىلارغىمۇ مەسئۇلىيەتنى خەققە دۆڭگەشنى ئۆگەتمەسلىكى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئەمەلىيەتتە ئىناۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مۇبادا بالىدا مەسئولىيەت بار بولسا، مۇشۇ پۇرسەتتە بالىغا مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
3. بالىلارغا بىر «ئىناۋەت كارتىسى» بېجىرىپ بېرىڭ. ھەر قېتىم بالىڭىز سەمىمىي ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىر نۇمۇر خاتىرىلەپ قويۇڭ، بۇنىڭلىق بىلەن بالىغا ئىلھام بېرىسىز ھەم ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇ ياخشى ئادەت يېتىلىدۇ.
4. ئۆزىنى بەزلەپ ئىشنىڭ ئاسىنىغا تۇرماسلىق. مەيلى ئۆگىنىشتە بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، بالىڭىزنىڭ ئىشنىڭ ئاسىنىغا تۇرماسلىقنى ئېيتىپ تەربىيە بېرىڭ، ھەر قانداق بىر قېتىملىق ئىشنىڭ ئاسىنىغا تۇرۇش بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىناۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ھەر بىر ئادەمگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر ئىشتا سەمىمىي بولغاندىلا باشقىلارمۇ بالىڭىزغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ.

سەككىزىنچى: باشقىلارغىمۇ ئۆزىگىمۇ مەنپەئەت يارىتىش
1. ئاتا-ئانىلار ئۆيدە ئامال بار كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قىزىقىدىغان ئىشنى تاللاپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى خوشال قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلاردا «ھە، مەن باشقىلارنى خۇش قىلسام ئۆزۈممۇ خۇش بولىدىكەنمەن» دېگەن ئىدىيە شەكىللىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭلا قىزىقىشىنى كۆزدە تۇتماي، ئۆزلىرىنىڭمۇ قىزىقىدىغىنى بويىچە ئىش قىلسا، بالىلار باشقىلارنىڭمۇ قىزىقىشىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلىۋالالايدۇ.
2. باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان سېلىپ، ئۆزىمۇ زىيان تارتقانلىقتەك بىر قىسىم مىساللارنى تېپىپ بالىلارغا سۆزلەپ بەرگەچ، بالىلار بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىپ، باشقىلار بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىشنى تەھلىل قىلىپ، بالىڭىزنى قانداق قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى سۆزلىگىلى قويۇڭ.
3. بازارغا چىقىپ بالىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى سېتىۋېلىڭ. بۇ جەرياندا بالىڭىزغا سودا قىلىش ئەمەلىيەتتە خەقنىمۇ ھەم ئۆزىنىمۇ رازى قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
4. بالىڭىز دوستلىرى بىلەن ئوينىغاندا، بالىڭىزنىڭ باشقا دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى تەكىتلەڭ. ئەڭ ئاۋال يېنىدىكى ئادەملەردىن تارتىپ ئويلاشنى، مەسىلەن ئاتا-ئانىسىنى، بوۋا مومىسىنى، ئاندىن قالسا ساۋاقداش دوستلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشنى بىلدۈرۈڭ.

توققۇزىنچى: كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش
1. كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا ئاۋال كىشىلەرنى چۈشىنىش كېرەك
بەزى ئاتا-ئانىلار دائىم «بالامنى زادىلا چۈشەنمەيمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ گېپىمنى قەتئىي ئاڭلىمايدۇ» دەپ قاقشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ گەپ لوگىكىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بالىسىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىشى كېرەك، كۆپ ئاڭلىسا بالىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى چۈشىنىدۇ، ئۇ نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ، نېمىدىن رەنجىدى، نېمىگە ئېھتىياجلىق دېگەندەك. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىشى، ئۇنى چۈشىنىش، شۇنداقلا شۇ جەرياندا بالىسىغا باشقىلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشنى، باشقىلارغا باراۋەر ئورۇندا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
2. كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا ئاۋال كىشىلەردىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىش كېرەك
بىر مۇتەخەسسىس بۇرۇن مۇنداق بىر غەلىتە ھادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قېتىم ئۇ جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك بالىلاردىن سىناق ئالغان. سىناق نەتىجىسىنى ھەر بىر بالىغا بېرىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىشنى تاپشۇرغان. نەتىجىدە %80 جۇڭگولۇق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ نارازى بولغان، بىراق چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار بولسا %80 ى رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئەمەلىيەتتە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئەسلى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەسكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى: جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار قۇسۇر تېپىش نەزىرىدە بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار بولسا باشقىلاردىن پەخىرلىنىش نەزىرىدە بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا پەخىرلىنىش نەزىرىدە، ئۇنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسى بولسىمۇ ئېتىراپ قىلىش، ھوزۇرلىنىش نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى كېرەك.
3. باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
بۇ باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپ. تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ مۇھەببەت، بىز ئادەتتە دەيدىغان ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەن بالا ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ دېگەن گەپمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلارغا چوڭلارنى قانداق ياخشى كۆرۈشنى، ساۋاقداشلىرىغا قانداق كۆيۈنۈشنى، مۇئەللىمنى قانداق ياخشى كۆرۈشنى بىلدۈرىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button