ئوڭ مېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستىلىقى نېرۋا سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي ئورگان بولۇپ، بۇ ئورگان نەچچە يۈزمىڭ يىل تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، سان ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشنى ھاسىل قىلغان. چوڭ مېڭە پوستىلىقى ئوخشاشمىغان رايونلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر رايوننىڭ بەلگىلىك فونكىسىيەسى بار. ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭ يېرىم شارىنىڭ تەرەققىياتىدىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئادەتتە ئوڭ قولىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ھەرىكەت مەركىزى چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، چوڭ مېڭىنىڭ ھەر ئىككى يېرىم شارىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
كۆپىنچە كىشىلەر ئوڭ قولىدا تاماق يېيىش، خەت يېزىش ياكى ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەنلىكىنى بايقىسا، «سولخاي» دەپ، قوپال تېگىپ، خەت يازغان، تاماق يېگەن، ئىش قىلغاندا ئوڭ قولىدا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۆرىيىتى يوق. چۈنكى، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە سول يېرىم شارى تىل، يېزىق، ھېساپلاش، تەپەككۇر ۋە ھۆكۈم قىلىش جەھەتلەردە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، چوڭ مېڭە ئوڭ يېرىم شارى بولسا تېخنىكا، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، ھېسىيات، ياخشى كۆرۈش ۋە گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئوڭ قولى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئادەمگە نىسبەتەن، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن كۆپلىگەن ئۇچۇرلار چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىدىكى مۇناسىۋەتلىك نېرۋا مەركىزىگە ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر دائىم مېڭە سول يېرىم شارىنى «ئۈستۈنلۈكتىكى مېڭە يېرىم شارى»؛ ئېرىشكەن ئۇچۇرى بىرقەدەر ئاز بولغان مېڭە ئوڭ يېرىم شارىنى «زەئىپ ھالەتتىكى مېڭە يېرىم شارى» دەپ ئاتايدۇ. ئەكسىچە، سول قولىدا ھەرىكەت قىلىش ۋە خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە ئوڭ يېرىم شارىنىڭ ئىقتىدارى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىلا سول ياكى ئوڭ قول ئارقىلىق كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا سېزىم قىلىش ئاپراتلىرى(رېتسېپتورلار) ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىلىدۇ.
چوڭ مېڭىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۆسمۈرلەرگە بولغان دەسلەپكى تەربىيەنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىلارنى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇپ، بولۇپمۇ پۇت-قول بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان بەزى ئىنچىكە تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنى قىلدۇرۇپ، بالىلارغا ئىككى قولىنى ئەپچىل ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش، ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بالىلارنىڭ سول قولىنىمۇ دائىم چېنىقتۇرۇش(مەسىلەن: چوكا تۇتۇش، يىپ ئۆتكۈزۈش، قايچا ئىشلىتىش) قا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ئوڭ يېرىم شارىنى غىدىقلاپ، ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.