بالىلار دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن قورقسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بالىلارنى دوختۇرغا كۆرسىتىشتە ئۇچرايدىغان ھەرخىل قولايسىزلىقلاردىن باشقا، بالىلارنىڭ ئارتۇقچە جىددىيلىشىپ كېتىشى ۋە كېسەل كۆرسىتىشكە ماسلىشىپ بىرەلمەسىلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئادەتتە، ئاتا ئانىلار بالىلار كېسىلىنى كۆرسىتىشتە ھېكايە كىتابلار، بالىلار دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئويۇنى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇللار بىلەن بالىلارنى كېسەل بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرۈشىمىز ۋە كېسەل كۆرسىتىش جەريانىغا كۆندۈرۈشىمىز لازىم. ھەرگىزمۇ ”ياۋاش بولمىساڭ، دوختۇرغا ئاپىرىپ ئوكۇل سالدۇرىمەن“ دىگەندەك گەپ سۆزلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتماسلىقىمىز ۋە بالىلارنىڭ داۋالاش خادىملىرىغا قارىتا قورقۇنچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۋەتمەسلىكىمىز لازىم.
كىچىك بالىلار ئاغرىپ قالغاندا، ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم. ئۇلار:
1. بالىلارنى ئۆزىنىڭ كۆز قارشى ۋە تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا چۈشەنچە بېرىش ئارقىلىق، خاتا بولغان كۆز-قاراشنى ئازايتىش.
2. مۇھىم بولغان ئائىلە ئەزالىرى ياكى بالىلار تونۇش بولغان دوستلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، بالىلاردىكى جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى ئازايتىش.
3. كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش جەريانىدا بالىلارنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋېتىشكە دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: بالىلار ئائىلە باشلىقىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىۋېلىش، دوختۇرغا ياردەملىشىپ قول ئېلېكتر ئىشلىتىش ياكى ئويۇنچۇقلارنى قۇچاقلىۋېلىش قاتارلىقلار.