بالىلار ساقلىقى

بالىلاردىكى ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىشنىڭ 6 تۈرلۈك سەۋەبى

  1. ئۈچەي يولىدا پارازېت قۇرتلار بولسا
    پارازېت قۇرتلار (سازاڭ قۇرت، مەددە قۇرت) بالىلارنىڭ ئۈچەي يولىدا پەيدا بولسا، ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلاپ، زەھەر ئاجرىتىپ، بالىلارنىڭ قورسىقى بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىپ بىئارام بولىدۇ، مەقئىتى (سوڭى) قىچىشىدۇ، ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
    بىرتەرەپ قىلىش چارىسى:قۇرتنى چۈشۈرۈش، بالىلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش.
  2. بالىلارنىڭ كەچلىك تامىقى بەك كۆپ بولۇپ كېتىش
    بالىلار كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېسە ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تاماق يېسە، ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئۇخلىغاندا بولسا ھېلىلا يېگەن تاماقلارنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى دەم ئالماي سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەتتا گاھىدا چاينىغۇچى مۇسكۇلمۇ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزلىكىدىن قىسقىرىپ، چىش غۇچۇرلاش پەيدا بولىدۇ.
    بىرتەرەپ قىلىش چارىسى:تاماق بېرىپلا ئۇخلاتماسلىق، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تاماق بەرمەسلىك.
  3. ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك
    راخىت كېسىلى بولغان بالىلاردا، كالىتسىي، فوسفور مىتابولىزمى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن، سۆڭەكلىرى كالىتسىيسىزلىشىش، مۇسكۇللىرى ئاغرىش، ۋېگتاتىپ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلۈپ، بالىلاردا تەرلەش، كېچىسى چۈچۈپ ئويغىنىش، بىئارام بولۇش، چىش غۇچۇرلىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
    بىرتەرەپ قىلىش چارىسى:دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىتامىن D، كالىتسىي تولۇقلاش، ئاپتاپقا سېلىش.
  4. روھىي ئامىل
    بەزى بالىلار ئادەتتە چىش غۇچۇرلاتمايدۇ. ئەمما، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال روھى كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدىغان ئىشلارغا يۇلۇقسا ياكى گەپلەرنى ئاڭلىسا، ئاتا-ئانىلا ئۇرۇشسا، بىرەر ئىشتىن قورقۇپ كەتسە… نېرۋا سىستېمىسى زىيادە جانلىنىپ كېتىپ، كېچىسى چىش غۇچۇرلىتىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ.
    بىرتەرەپ قىلىش چارىسى:بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى زىيادە غىدىقلايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، بالىلاردىكى پسىخىك بېسىمنى يەڭگىللىتىش.
  5. ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولماسلىق
    بالىلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولمىسا، بېشى بىرتەرەپكە يانتۇ بولۇپ قالسا، چاينىغۇچى مۇسكۇل بېسىمغا ئۇچراپ، بىنورمال قىسقىرىپ، چىش غۇچۇرلىتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بالىلارنىڭ بېشى چۈمكىلىپ قالسا، ئوكسىگېن يېتىشمەيمۇ چىش غۇچۇرلىتىش كۆرۈلىدۇ.
    بىرتەرەپ قىلىشى چارىسى:بالىلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولمىسا، دەل ۋاقتىدا رۇسلاپ قويۇش. بالىلارنىڭ باش قىسىمىنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

  1. چىش رەتلىك بولماسلىق
    چىش رەتلىك بولمىغان بالىلاردا چاينىغۇچى مۇسكۇلنىڭ ئورنىمۇ تازا نورمال ئورۇندا بولمايدىغانلىقتىن، ئۇخلىغاندا، چاينىغۇچى مۇسكۇل ئۆزلىكىدىن قىسقىرىپ، چىش غۇچۇرلىتىش پەيدا بولىدۇ.
    بىرتەرەپ قىلىش چارىسى:بالىنى قەرەللىك ھالدا چىش دوختۇرىغا كۆرسىتىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چىشىنى رەتلىتىش ۋە داۋالىتىش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button