بوۋاق ۋە ھامىلىدارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
بوۋاق ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھامىلىدار ئايال ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى تەكشۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
بۇنداق قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى:
○. بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرتكەندە، دوختۇر ھامىلىدار ئاياللاردا ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرى، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، تۇبېركۇليۇز كېسىلى، بۆرەك-جىگەر كېسلى قاتارلىقلار بارمۇ-يوق بۇنى بايقاپ چىقىپ، ھامىلىدارلارنىڭ كېسەللىكنى بۇرۇن بايقاپ، ۋاختىدا ئالدىنى ئېلىشغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
○. بوۋاقنىڭ يىتىلىشى نورمالمۇ يوق، بۇنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش كېرەك.
○. ھامىلىدار ئايال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۉزىنى كۆزىتىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
○. ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىنى ئانا سۈتىدە بېقىش تەييارلىقىنى قانداق قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش. مەسىلەن، دائىم ئەمچەكنى يۇيۇپ تۇرۇش، قول بىلەن ئەمچەك ئۇچىنى تارتىپ چوڭايتىش قاتارلىقلار.
○. ئانىنىڭ تۇغۇتتىن ئۆتۈش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم قىلىش.
○. ھامىلىدار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۇغۇت ۋاختىدا قانداق ياردەم ئىزدەش، مەسىلە كۆرۈلسە قەيەرگە ئاپىرىپ ۋاختىدا قۇتقۇزۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش.
○. تۇغۇتتىن كىيىنكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇرۇش.