بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز…
- بالىنى يۇمشاق سافا، كارۋاتتا ئۇخلاتماڭ.چۈنكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىنىڭ سۆڭىكى تېخى قاتمىغان بولغاچقا، ئاسانلا شەكىل ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ.
2. بالىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇخلاتماڭ.بۇنداقتا بالىنىڭ يېتىلىۋاتقان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، چۆچۆپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.
3.بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ ئۇخلاتماڭ. بۇنىڭدا يۇمشاق ئۇمۇرۇتقا سۆڭەك ئېگىلىپ قېلىپ نەپەس قىيىنلىشىدۇ. بىر قىسىم ئىچكى ئەزالار بېسىمغا ئۇچرايدۇ.
4.بالىنىڭ بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاتماڭ. بۇنىڭدا ساپ ھاۋا يېتىشمەيدۇ.
5. بالىنى يوتقىنىڭىزدا ياتقۇزماڭ. چۈنكى چوڭلارنىڭ تىنىقىدىن چىققان كېرەكسىز ھاۋادا بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ياكى كېسەللىك مىكروبى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
6.بالىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا تاھارەت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ.
7.تىرناق، قېرىنداشلارنى چىشلەشتىن چەكلەڭ. بۇ تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ناچار ئادەت بولۇپ، بالا ئاسانلا كېسەللىك مىكروبى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
8.چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. بۇ چىش ئاغرىش، چىشنى قۇرۇت يېيىش، چىش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
9.تۇزسىزراق تاماق يېيىشنى ئۆگىتىڭ. بۇنىڭدا كېيىن, يۈرەك, قان تومۇر كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپدار بولمايدۇ.
10.كۆزىنى ئۇۋۇلاشتىن ساقلىنىشنى جېكىلەڭ. بولمىسا بالىڭىز كۆز ياللۇغلىنىش ۋە كۆز كېسەللىكىدىن خالىي بولالمايدۇ.
11.ئەتىگەندە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇڭ. تاماق تاللىمىسۇن، سەي، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاشقازان كېسىلى، ھەر خىل ۋېتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن ساقلىنالايدۇ.
12.ئېغىزىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. بۇنىڭدا ئېغىزغا چاڭ-توزان، مىكرۇب كىرىپ كېتىش ياكى چىش شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
13.قۇلاقنى تولا كولاشقا ئادەتلەندۈرمەڭ. بۇنىڭدا قۇلاق كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنالايدۇ.
14.چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنالايدۇ.
15.كەمپۈت، شاكىلات ۋەباشقا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى كۆپ بەرمەڭ.
16. بۇرۇن كولاشتىن چەكلەڭ. بۇنىڭدا بۇرۇن قاناش، بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىشلەردىن ساقلىنىدۇ.
17.پالەكنى ئاز بېرىڭ. كالتىسى يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
18.تېلېۋىزورنى ئاز ۋە توغرا كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۈڭ. شۇنىڭدا چارچىمايدۇ، يىراق-يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىدىن خالىي بولالايدۇ.
19.بەك نېپىز، بەك قېلىن كىيدۈرۈۋەتمەڭ. شۇنىڭدا ئاسان زۇكام بولمايدۇ، ئۆپكىگە سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنالايدۇ.
20.تۆمۈر، ئەسكى-تۈسكىلەرنى، مىخ يىڭنە قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئويناشتىن چەكلەڭ. ھەر خىل كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.