بالىلار ساقلىقى ھەققىدە ساۋات
بالىلارغا قارىتا ساغلاملىق تەكشۈرۈشى قايسى ۋاقىتتا ئېلىپ بىرىش كېرەك؟
بالىلارنىڭ ھەر قايسى ياش قاتلىمىدىكى يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن:
بىر ئايلىق بوۋاق تۇغۇلۇپ 3،7،14،28 قاتارلىق كۈنلەردە بىر قېتىمدىن ساغلاملىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بىرىش.
بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاق بولسا، بوۋاق 3 ئايلىق، 6 ئايلىق، 9 ئايلىق، 12 ئايلىق ۋاقتىلىرىدا بىر قېتىمدىن ساغلاملىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بىرىش.
3 ياشتىن كېيىن بالىلار ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش.
تەكشۈرۈش جەريانىدا ئالاھىدە ئەھۋال بايقالسا، دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بىرىش.
نېمە ئۈچۈن بالىلارغا سىستېمىلىق ساغلاملىق ساقلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ؟
بالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولسا بالىنىڭ بەدىنى ۋە پىسخىكىسى تېز تەرەققىي قىلىدىغان ۋاقىتى ھەم ئىنتايىن ئاجىز ۋاقتى بولۇپ، ئاسانلا ھەر خىل ئوزۇقلۇق، يۇقۇملۇق خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدۇ، بالىلاردىكى پسخىك ھەرىكەت مەسىلىسىمۇ ھەمىشە مۇشۇ مەزگىلدە بىخ سۈرىدۇ. ئوماق قوزىمىزنى ئەقىللىق، ساغلام قىلىپ تەربىيلەيمىز دەيدىكەنمىز، بالىمىزغا ۋاقتى-ۋاقتىدا، سىستېمىلىق ساغلاملىق پەرۋىشى ئېلىپ بىرىشىمىز كېرەك.