بالىلار كېسەللىكى

بالىلاردىكى سىيگەكلىك كېسىلى

بۇ كىچىك بالىلار كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ ياتىدىغان، بەزىلىرى تېخى ئويغاقلىق ھالەتتىمۇ سىيىپ قويىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ئۈچ ياشتىن يۇقىرى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

سەۋەبى:

ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشىدىن دوۋساقنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ۋە تۇقۇلمىلىرى بوشاش، دوۋساققا تاش چۈشۈش، دوۋساق ياللۇغى، ئاشقازان ۋە جىگەر ھەزىمىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش، بەدەن ئاجىزلىقى، قۇۋۋەتسىزلىك، ئۇزۇنغىچە كېسەل تارتىشىش، بالىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچلىنىش، مېڭە سىرتىدىن زەخىملىنىش، مەددە قۇرت كېسەللىكلىرى قاتارلىق سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

كېسەللەنگەن بالىلاردا سۈيدۈك كۈندىزىمۇ ئىختىيارسىز مېڭىپ كېتىدۇ، كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ كۆرپىگە سىيىپ قويىدۇ. بەزىلەردە سۈيدۈك قېتىمى كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئۆزلىكىدىن يۈرۈپ كەتمەيدۇ، سۈيدۈك بەك قىستاپ كېلىدۇ.

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش:

1-رىتسىپ: توشقان گۆشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۈزمەي يېگۈزۈپ بەرگەندە، سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

2-رىتسىپ: توخۇ تاشلىقى ئىچكى پوستىنىڭ قۇرىتىلغىنىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر-ئىككى گرامدىن يېگۈزۈپ بېرىلسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، بالىلاردىكى سىيىپ كېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

3-ياڭاقتىن ئۈچ دانە ئېلىپ، قوقاسقا كۆمۈپ، مېغىزىنى يېگۈزۈپ بېرىلسە، سوغۇقتىن، بولغان سىيىپ يېتىش كېسىلگە شىپا بولىدۇ.

4-رېتسىپ: لىسانىل ئاساپىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ دااۋاملىق ئىچكۈزسە، سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

5-گۈڭگۈرتتىن 30 گرام، سۇڭپىيازدىن 100 گرام ئېلىپ، گۈڭگۈرتنى سۇڭپىياز بىلەن سوقۇپ، خېمىر قىلىپ، بالىنىڭ كىندىكىگە تېڭىپ بېرىلسە سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

6-بىر دانە توشقان كاللىسى بىلەن بىر دانە خورازنىڭ تاجىسى ۋە توخۇ تاشلىقى پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تولۇق شورپىسىنى چىقىرىپ، تۆتكە بۆلۈپ كۈندە ئەتىگەن بىر بۆلەكنى ئىستېېمال قىلدۇرۇپ بېرىلسە بالىلاردىكى سىيىپ يېتىشقا مەنپەت قىلىدۇ.

7-رېتسىپ: قوينىڭ سۈيدۈكلۈكىنى كاۋاپ قىلىپ بېرىلسە سىيىپ يېتىشقا مەنپەت قىلىدۇ.

مۇرەككەپ دوراىلاردىن:  جاۋارىش مەستىكى، مەجۈنى كۇندۇر، مادەتۇلھايات، جاۋارىش جالىنۇس، مەجۈنى خۇبسىلھەدىد مۇمسىك، مەجۈنى بەۋل پىلپىراش قاتارلىقلار.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئوغلاق گۆشىنى شورپا قىلىپ نان بىلەن بېرىلىدۇ. چۈجە، كەپتەر پاختەك گۆشىنىڭ شورپىلىرىغا پىلپىل، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ چۆپ ئاش قىلىپ بېرىلىدۇ.

ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر، سوغۇق سۇ، گۈرۈچ، سەۋزە، تۇرۇپ، قايماق، قېتىق، دوغاپ قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button