بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ
ئامېرىكىدىكى بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى شۇنچە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . بالىلارنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەنگەن زىيادە كۆپ ۋە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئويۇنچۇق ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ناھايتى چوڭ زىيان سالىدۇ ، چۈنكى ئۇلار شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقنى كۆرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھەتتا ئەمەلىيەتكە چۆكۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ –دە ، بىر خىل ئويۇنچۇقنى ئويناش ، ئويناش داۋامىدا زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئويۇنچۇق ئويناشتىن بەلگىلىك بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ›› .
ئەنگىلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كايسى شېرۋا ئىشلىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقات جەريانى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ . ئۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا 3000 دىن كۆپرەك بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى نىسبەتەن ئاز بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە بولىدىغان ، ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتاب ۋە ئېيتىپ بەرگەن ناخشىنى ئاڭلايدىغان ، ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان ۋاقىتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئاخىرىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى تاغدەك دۆۋىلەنگەن بالىلارغا قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى .