بالىلار كېسەللىكى

بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنىقى تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش

بالىلار ئائىلىدىن ياكى بالىلار باغچىسىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىش – بۇلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بالىلار ئۆيدە ياكى بالىلار باغچىسىدا بولسا ئۇلارنىڭ ئويۇندىن باشقا ھېچقانداق ۋەزىىسى ۋە بېسىمى بولمايدۇ.مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىىسى،تاپشۇرۇق ۋە مەكتەپ ئىنتىزامى بولىدۇ.شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكەپ تۇرمۇشىغا ئوڭۇشلۇق ماسلىشىشى ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى ئۇلارنىڭ پىسخىك،ھەرىكەت ۋە ئادىتى تەرەپلەردىن بالدۇرراق تەييارلىق قىلىشقا يېقىندىن ياردەمدە بولۇش لازىم.

تارقاق بالىلارنىڭ ئوقۇغۇچى بولۇشى ياكى بالىلار يەسلىسىسىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىش بىلەن پىسخىك ۋە ئادەت،ھەرىكەت تەرەپتىن ئكزگىرىشى ئاساسەن ئىككى نوقتىدا ئىپاىلىنىدۇ.بىرسى ‹‹ مۇستەقىل ›› لىق تەلىپى كۈچىيىدۇ.مەكتەپكە بېرىش – كېلىشتە ئۆزلىرى ماڭىدۇ.ئۆگىنىشتە ئۆزى مۇستەقىل ئويلىنىدۇ.تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل ئىشلەيدۇ.ھەتتا بوينىغا بىرەر ئاچقۇ ئېسىۋېلىپ ئۆزى يىگانە ‹‹ پادىشاھ ›› بولغاندەك ھېس قىلىدۇ.ئەگەر بالا ھەممە ئىشتا ئائىلىگە يۆلىنۋېلىشنىلا بىلىپ قىلىچمۇ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بلمىسا نېمە قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ.شۇڭلاشقا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى مەقسەتلىك ھالدا تەربىيلەشلىرى لازىم.ئۇلارغا بەزىبىر ۋەزىپىلەرنى دائىم تاپشرۇپ،مۇستەقىل ئىجىرا قىلىشقا يول قويۇش لازىم.بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇۇش تەرتىپ رېتىمى تېزلىشىدۇ.مەكتەپكە كېچىكىپ بېرىشقا بولمايدۇ.تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىد ئىشلەش كېرەك.تاماق يېيىش،ئۇخلاش،ئويناش،تپشۇرۇق ئىشلەش قارارلىق،ۋاقىتلىق بولۇشى لازىم.ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار تۇرمۇشىنىڭ رېتىملىق ۋە جىددىي بولۇشى ئۈچۈن ئالدىنئالا مەشىق قىلدۇرۇش لازىم.ئەتىگەندە ئويغاتسىلا دەرھال ئورنىدىن تۇتۇپ كېيىملىرىنى تېز – تېز رەتلىك كىيىپ،يۈلىرىنى يۇيۇشلىرى كېرەك.ئاندىن بىمالال ۋاقىت ئىچىدە تاماق يەلەيدۇ.كەچتە پۇت قوللىرىنى يۇيۇپلا كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشلىرى،ھەرگىزمۇ ھېكايە ئېيتىپ بېرىش قاتارلىق مەخسىۇس ئۇخلىتىش ياردەمچى ئۇسۇللىرىغا تايانماسلىقى كېرەك.ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىلا چوڭ تەرەت قىلشقا ئادەتلىنىش لازىم.ئەگەر قارارلىق تەرەت قىلىپ ئادەتلەنمىسە سىنىپىدا دەرستە ئۇزۇن ئولتۇرۇۋەرگەنسېرى ۋاقىتلار ئۇزارغانچە ئاسانلا قەۋزىيەتبولۇپ قالىدۇ.ئەڭ مۇھىمى بالا بىرەر ئىش قىلغاندا پۈتۈن نىيىتى بىلەن بېرىلى قىلىدىغان ئادىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.بىر تەرەپتىن تاماق يەپ،ىر تەرەپتىن ئوينايدىغان ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئادەتنى قىلماسلىقى كېرەك.ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ۋاقىت ئۇزارغاسېرى بالىنىڭ ئىشتىيىگە،ئۇيقۇسىغاتەسىر يېتىدۇ.بىرىنجى يىلىلا تەن سالاماتلىك سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.ئۇندىن باشقا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ خەت يېزىش ئاساسىي ماھارىتىنى مەشىق قىلىشقى كۆڭۈل بۆلۈشلىرى،مەسلەن،قەلەمنى مۇۋاپىق تۇتۇش،خەت يېزىشتىكى قىاپەت،ھۆسنىخەت يېزىش مەشىقى قاتارلىقلارغا تەلەپ قويۇشىرى لازىم.بالىلار مەكتەپكە كىرىشىن بۇرۇن مەلۇم ئەقلىي تەييارلىق قىلىشى ناھايىتى زۆرۈر.مەسلەن،بالىلارغا ئانچە – مۇنچە ھەرپ تونۇتۇش،بىردىن 100 غىچە سانلارنى سانىيالايدىغان،يازالايدىغان بولۇش،ئاددىي سانلارنى قوشالايدىغان،ئېلىۋېتەلەيدىغان بولۇش،بىرەر ئىشنى ئېنىق قىلىپ ئۈزۈلدۈرمەي شەرھىلەپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش.تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئەتراپتىكى نەرسە كېرەكلەرنى تۇنۇيالايدىغان بولۇشلىرى لازىم.لېكىن بالىنىڭ دەرسكە يېتىشەلەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى بالدۇرلا ئالدىن ئۆگىتىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.چۈنكى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەممىنى بىلىمەن دەپ تۇنۇپ دەرس ئىنتىزامىغا رىئايە قىلمايدۇ.دېمەك،يۇقىرىقى تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىگەندىلا بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ تۇرمۇشىغا ناھايىتى ئاسانلا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button