بالىلارغا گۆشنى كۆپ بېرىش پايدىلىقمۇ؟
بالىلىق دەۋر ئۆسۈش ناھايىتى تېز بولىدىغان مەزگىل بولۇپ،ماددا ئالمىشىش تېز،ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۆپ بولىدۇ.شۇڭلاشقا بالىلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇقلۇقنى ئەتراپلىق تۇلۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر،لىكىن بىر قىسىم ئاتا ـ ئانىلار بالىلارغا گۆش ،مايلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك يېگۈزسە سالامەت ئۆسىدىغۇ دەپ ئويلاپ،ئۇلارغا گۆش،مايلىق نەرسىنى كۆپ يېگۈىدۇ.باشقا يېمەكلىكلەر ۋە كۆكتات،مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن سەل قارايدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل بىر تەرەپلىمىلىك قاراش بولۇپ،نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
گۆش كۆپ ساندىكى كىشلەر ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ۋە تەكىبىدە ئورگانىزىم ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل،ماي،ئانئورگانىك تۇزلار ۋە ھەر خىل ۋېتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى.بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى،فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارى ۋە نورمال ھاياتلىق ھەرىكىتىنى تەمىن ئېتىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.كۆپ ساندىكى بالىلارمۇ گۆشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.لېكىن بالىلارنى ئۇزۇن مۇددەت گۆش ۋە ماي بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش زىيانلىق.بالىلىق دەۋردە ھەر خىل توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ،بەدەندە ساقلىنىۋاتقان ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېسەللىككە بولغان قارىشلىق كۆرسىتىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.كىچىكىدە گۆش،ماينى زىيادە ئىستىمال قىلغان ھەمدە ناھايىتى سېمىز بالىلار ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىللىرىدە قىزىل قان تۇمۇر قېتىش،يۇقىرى قان بېسىم،تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى بولىدۇ.خېلى نۇرغۇن مەملىكەتلەردىكى تىببى ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى گۆش ۋە ماينى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان رايۇنلاردىكى كىشىلەردە قىزىل قان تۇمۇرلار بوتقىسىمان قېتىشىش،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى،ئەمچەك راكى ۋە ئۈچەي راكىنىڭمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەنرەك مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ گۆش – ماي ئىستىمال قىلشى ئازراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولماقتا.ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىمۇ ھايۋاناتلارغا بېرىلدىغان يەم – خەشەك ئىچىدە ماي مىقدارى كۆپەيسە ئۆسمىلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ نىسپىي ھالدا يۇقىرى بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە ھەر خىل بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.ئاتا ـ ئانىلار ۋە يەسلىدىكى تەربىيىچىلەر بالىلارنىڭ كۈندىلىك تامىقى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ۋە ھەر خىل بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇزۇقلۇقى تەركىبىدىكى گۆش – مايلادىن قۇبۇل قىلىدىغان ئىسىسقلىقى ئومۇمىي سەرىپ بولىدىغان ئىسىسقلىقنىڭ 25 -30 پىرسەنتىنى ئىگەللىسەبولىدۇ.5- 7 ياشلىق بالىلار كۈنىگە 200 گرام ئۇن ياكى گۈرۈچ،200 – 300 گرام كۆكتات،50 گرام ئەتراپىدا گۆش،بىر تال تۇخۇم،ئازراق شېكەر يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ.شارائىتى يار بەرسە 200 -300 گرام سۈت ۋە مۇۋاپىق ھالدا ھەر خىل مېۋە سەيلەرنى بەرسە بولىدۇ.بالىنىڭ كۈندىلىك تامىقى تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېشىل ياپراقىلق كۆكتات بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈش كېرەك.پات – پات جىگەر يېدۈرۈپ بەرسە پايدىسى كۆپ.