قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىشنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى
- ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى
(1) كېسەللىك جىددىي قوزغىلىدۇ، يوشۇرۇن دەۋرى 3~5 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. تۆۋەن قىزىتما، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە كىچىكى تېرىقتەك، چوڭلىرى يېشىل پۇرچاقچىلىك كېلىدىغان قاپارتمىلار پەيدا بولۇپ، ئاغرىيدۇ؛ قول-پۇتلاردا دەسلەپتە دۆڭچە تاشما پەيدا بولۇپ، كېيىن قاپارتمىغا ئۆزگىرىدۇ، يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسسىمان شەكىلدە، چوڭلۇقى 3~7 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، گۈرۈچچىلىك، سۇ چېچىكىدىن كىچىكرەك كېلىدۇ، بىرقەدەر قاتتىق بولۇپ، ئەتراپىدا قىزىرىش كۆرۈلىدۇ. قاپارتما سويۇقلۇقى نىسبەتەن ئاز، ئاقۇچ رەڭلىك پەردىنىڭ ئاستىدا چېكىتسىمان ياكى پارچە-پارچە شەلۋەرىگەن ئورۇننى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەسۋە يوقالغاندىن كېيىن تارتۇق قالمايدۇ، ئەگەر داۋاملىق ياللۇغلانسا، تېرىگە يېتىدىغان زىيىنى ئېغىرلايدۇ.
(2) ئەسۋە قول-پۇت ۋە ئېغىزدىن باشقا ساغرا ياكى مەقئەت ئەتراپىدا، بەزىدە يەنە گەۋدە قىسىم ۋە تۆت مۈچىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، بىرقانچە كۈن ئىچىدە يانىدۇ، قىچىشىش، ئاغرىش سېزىمى بولمايدۇ.
(3) ئايرىم ساندىكى بالىلاردا ئاز كۆرۈلىدىغان دۆڭچە ئەسۋە، قاپارتما چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باكتىرىيىسىز مېڭە پەردىسى ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ ۋە يۆتىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
(4) بەزىدە كېسەللىك پەقەتلا ئەسۋە ياكى قاپارتمىلىق يۇتقۇنچاق- بوغۇز ياللۇغى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كېسەللىك جەريانى 5-10 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.