بالىلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى ۋە بەدەن خىزمىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى

- بالىلار تەن تۈزۈلۈشى ۋە بەدەن خىزمىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى:
بالىلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى تەن تۈزۈلۈشى ۋە بەدەن پائالىيتى ياشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەل بولۇش ھالىتىدىمۇ ئايرىم ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ. داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۇلار بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
(1) ھامىلە دەۋرى: بۇ ھامىلە تۈرەلگەن كۈندىن تارتىپ تاكى تۇغۇلغىچە بولغان دەۋرى بوۇلپ، توققۇز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بەزى تۇغما كېسەللىكلەر مانا شۇ دەۋردە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ھەرخىل ھامىلە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللارنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش لازىم.
(2) قىرقى دەۋرى: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 40 كۈن ئۆتكۈچە بولغان دەۋر چىللە ياكى قىرقى دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە بوۋاق بالىياتقۇدىن چىقىپ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بۇۋاقنى سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەرخىل يامان تەسىرىدىن مۇمكىنقەدەر ساقلاپ، سىرتقى مۇھىتقا پەيدىنپەي ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دەۋردىكى كېسەللىكلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇرمۇش ۋە تۇغۇش جەريانىدىكى تەسىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى يوقىرىراق بوىلدۇ. بۇۋاقلار ئاساسەن نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلىشى ۋە بالدۇر تۇغۇلۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
(3) بۇۋاقلىق دەۋرى: بالىنىڭ تۇغۇلۇپ قىرقى چىققاندىن تارتىپ، بىر يېرىم ياشقىچە بولغان دەۋرى بوۋاقلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە بالىنىڭ ئۆسۈشى پەۋقۇلادە تېز بوىلدۇ. بولۇپمۇ مېڭە قىسمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېز بولىدۇ. ھەزىم قىلىشى ئاجىز بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بۇۋاقنى ئانا سۈتىدىن باشقا يەنە يۇمشاق قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن بېقىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇ دەۋردە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ئوڭايلا قان ئازلىق، راخت كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
(4) گۆدەكلىك دەۋرى: بالىنىڭ يېرىم ياشتىن تارتىپ ئالتە ياشقىچە بولغان دەۋرى گۆدەكلىك دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بار. ① گۆدەك بالىلارنىڭ چوڭلار بىلەن ئۇچرىشىشى كۆپ بولىدۇ. مېڭە خىزمىتى خېلى كۆپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا ئالدىن ئۆتكەن ئىشلارنى قىلالايدىغان بولىدۇ. ② ئەمچەكتىن ئايرىلغان ۋاقتى بولغاچقا، بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى جىددىي ئاشقان بولىدۇ. مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇلمىسا ئۇرۇقلاش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بەدەننىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ③ تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرخىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى قوللىنىش ۋە گۆدەك بالىلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش زۆرۈر.
(5) ناراسىدىلىك دەۋرى ( مەكتەپ يېشى دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ئالتە ياشتىن تارتىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. بۇ دەۋردە بالىلارنىڭ ئۆسۈشى ئالدىنقى دەۋرگە قارىغاندا بىر ئاز ئاستىلايدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ مېڭى، تاكامۇللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا ئۆگەتكەننى ئۆگىنەلەيدۇ، يادلىيالايدۇ، ھەرخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ماسلىشالايدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دەۋردەا بەدىنى ۋە ئەقلى تەرەققىياتىنىڭ ئۆسۈشى تولۇپ، جىنسىي تەرەققىياتى يېتىلىشكە باشلايدۇ. بەدەن ھالىتى بارا- بارا چوڭ كېشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ چاغدا بالىلارنىڭ مىجەزى تۇراقسىز ئۆزگۈرۈشچان بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە بالىلارنى تازىلىق، ئەمگەك ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
- بالىلارنىڭ تەن تۈزۈلۈش ۋە بەدەن خىزمىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى
بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى ۋە بەدەن خىزمىتى جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئوخشىماسلىقلار ۋە ئالاھىدىلىكلەر بار.
(1) ئاساسىي پەرقلەر: تەن تۈزۈلۈشىدىكى پەرق كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بالىلار تېنىنىڭ ئېغىرلىقى، بېشىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن بەدەن ئۇزۇنلىقىنىڭ نىسبىتى، سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوڭاي زەخمىلىنىش قاتارلىق پەرقلەر بوىلدۇ.
بەدەن خىزمىتى: بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئۆسۈشى شۇنچە تېز بولىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇققا، ماددا ۋە سۇيۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى چوڭ كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.
بالىلارنىڭ تومۇر ھەرىكىتى: نەپەس قېتىمى، ئۇخلاش ۋاقتى قاتارلىقلار ياشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بوۋاق بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش پائالىيتى ئاجىز بولغاچقا، ئوڭايلا ھەزىم قىلىشى بۇزۇلىدۇ. بوۋاق ۋە گۆدەكلىك دەۋردىكى بالىلارنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا گۆدەك بالىلار نەپەس يوللىرى ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپ ئاغرىيدۇ ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئانا بەدىنىدىن كەلگەن تەبئىي قارشىلىق كۈچى بولغاچقا، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىمايدۇ. كېيىنرەك بەدەن بۇ خىل قارشىلىق كۈچ يوقالغاندا، ئاندىن يوقۇملىنىدۇ.
كېسەل بولۇش: بالىلارنىڭ كېسەل بولۇشى كۆپىنچە يېشى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە بالىلار بەدىنىدە ئازراقلا ئۆزگىرىش بولسا دەرھال كېسەل بولىدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىمشىگەندە ئوڭايلا راخت كېسەللىكى بىلەن قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە مۇپتىلا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال چوڭلاردا ئاسان كۆرۈلمەيدۇ. بوۋاق ۋە گۆدەكلەردە كۆپىنچە كانايچە ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. چوڭلاردا بۇ خىل كېسەللىك ئاز كۆرۈلىدۇ.
كېسەللىكنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش: ياشنىڭ پەرقىگە قاراپ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇۋاقلار ئۆز كېسەللىكىنى ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىگەچكە، كېسەللىكنى ئېنىقلاش ۋە دورا بۇيرۇشقا ئوڭايسىزلىق تۇغدۇرىدۇ. بەزى كېسەللىكلەر تېز باشلىنىپ، بالىلارنىڭ ھوشىنى تېز يوقىتىدىغان بولغاچقا، بەزى ئېغىر خەۋپلىك بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قىيىن بولىدۇ.
كېسەللىك ئاقىۋىتى: بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزگۈرۈشچان بولغاچقا، ياخشى ياكى يامان تەرەپكە تېزلا ئۆزگۈرىدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى تېز بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى كېسەللىكلەر تېز ساقىيىدۇ. سۇنغان سۆڭىكى تېز تۇتىدۇ. بەزى يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قالدۇرغان ئاسارىتى چوڭلارغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ. شۇڭا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان ھالەتتىمۇ قۇتقۇزۇشنى ۋە داۋالاشنى بوشاشتۇرماسلىق لازىم.
يەنە بىر تەرەپتىن بەزى خەۋپلىك كېسەللىكلەردە ئېنىق بەلگىلەر كۆرۈلمەستىنلا تويۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش ھادىسىلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ كۆپىنچە يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە، كاناي ۋە كېكىردەكلەردە بەلغەم ۋە يېمەك- ئىچمەككە ئوخشاش ياد ماددىلار تىقىلىپ قالغاندا، قاتتىق قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈشتىن بەدەندىكى سۇيۇقلۇق كەمىيىپ كەتكەندە، يۈرىكى ئىششىغاندا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللاردا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىق لازىم .
داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش: ھازىر خېلى كۆپ بالىلاردا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بالىلاردا كېسەللىك يۈز بېرىپ چارە قىلىشتا، ئىمىتىدىغان ئانىغا چارە قىلىنىدۇ. چۈنكى « بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانا مىجەزى بۇزۇلغانلىقتىن كېسەل بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ قېنى بۇزۇلغان بولسا بۇزۇلغانلىقتىن كېسەل بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ قېنى بۇزۇلغان بولسا ئەھۋالغا قاراپ لوڭقا قويۇش ۋە قاننى تازىلاش لازىم. ئەگەر سەپرا خىلىتى غالىپ بولسا، سەپرانى تەڭشىگۈچى ۋە سۈرگۈچى دورىلار بۇيرۇلىدۇ. ئەگەر بەلغەم خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسا، بەلغەمچى تەڭشىگۈچى ۋە سۈرگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ. ئەگەر سەۋدادىن بولغان كېسەللىكلەر يۈز بەرگەن بولسا، سەۋدا ماددىسىنى تازىلاش لازىم. بۇنىڭغا ئانىغا بر قانچە كۈنگىچە كۈچلۈك سۈرگۈلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە دورىلار بېرىلىدۇ. ئەگەر ئانا كېسەل بولسا بالىغا سۈت ئىمىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش، ئىمكان بولسا بالىنى ئىمىتىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. ئەگەر قابىز دورىلارغا ئېھتىياج بولسا بالىغا سۈت بىرىلمەيدۇ.
ئەگەر بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشى ئۈچۈن قابىز دورا بىرىش توغرا كەلسە، بالىغا سۈت بېرىلسە بولىدۇ. ئەگەر ئەگەر ئانىنى قەي قىلدۇرۇش توغرا كەلسە ئىمىتمەسلىك كېرەك. قەي ئۆزلۈكىدىن كەلسە ئالاھىدە قەي دورىسى بەرمىسىمۇ بولىدۇ.
(2)يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى: يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ بويى 47 سانتېمىتىردىن 52 سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرامدىن 4 كىلوگرامغىچە بولۇپ، ئىككى- كۈچ كۈن ئۆتكەندە، بەدەن ئېغىرلىقى 500 گرامدىن 750 گرامغىچە يەڭگىلەيدۇ. بىر ھەپتە ۋاقىتتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى يەنە ئۆز ئەسلىگە كېلىدۇ. تۇنجى بالىنىڭ يېنىكلىشى كېيىنكى بالىلاردىن كۆپرەك بولىدۇ.
بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا تېرىسىنىڭ رەڭگى دەسلەپتە كۈكۈش بولىدۇ. كېيىن قىزىرىدۇ. يەنە ئۈچ- تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىزىللىق ئاستا- ئاستا يوقۇلۇپ، سېرىق رەڭگە كىرىدۇ. سەككىز- ئون كۈندىن كېيىن سېرىقلىق يوقاپ، تېرە قىزغۇچ تۈسكە كېرىدۇ. تېرىسى ناھايىتى يۇمشاق بوىلدۇ. چاچ ئۆسكەن، قاڭشىرى تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ. چاچلىرى بەزىسىنىڭ شالاڭ بولىدۇ. بىر ئايدىن بىر يېرىم ئايغىچە بولغان ئارلىقتا چاچ ئاسان چۈشىدۇ. بالا يېڭى تۇغۇلغاندا قورساق ئىچىدىكى ھالىتى بويىچە بولىدۇ. يەنى بېلەكلىرى ئېگىلگەن، پۇتلىرى يېغىلغان، ئومۇرتقىسى ئەگرى، بېشى ئالدىغا ئېڭىشكەن ھالەتتە بوىلدۇ. بېلەك ۋە پۇتلىرىنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرى تولمىغان، بېشىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشچان، بېشىدىكى لىپىلداق تولمىغان ھالەتتە بولىدۇ. ئوغۇللاردا كۆپىنچە ئۇرۇقدان، ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشكەن ھالەتتە بوىلدۇ. قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى تېخى يېتىلمىگەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
بوۋاقنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا ئېنىق بىلىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن بولۇپمۇ كىندىكىنى باغلىغاندىن كېيىن كۈچلۈك نەپەس ئېلىشقا باشلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس ھەرىكىتى رەتسىز، مىنۇتىغا 20 قېتىمدىن 80 قېتىمغىچە بولىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى تۇراقسىز بوۇلپ، تومۇرى بىر مىنۇتىغا 90 قېتىمدىن 180 قېتىمغىچە سوقىدۇ.
بالا تۇغۇلۇپ 10-12 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن كىچىك تەرەت قىلىشقا باشلايدۇ. كۈنىگە تۆت- بەش قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ. بالا توغۇلۇپ تۆت سائەتتىن 18 سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا بالىنىڭ ئۈچىيىدىكى ھەرخىل ئارىلاشما ماددىلار سىرتقا چىقىشقا باشلاپ چوڭ تەرەت شەكىللىنىدۇ. دەسلەپتە چوڭ تەرەت قارامتۇل زىغىر رەڭ چاپلاشقاق ھەم قويۇق بولۇپ، بىر كىچە- كۈندۈز تەخمىنەن ئىككى – ئۈچ قېتىم كېلىدۇ. بوۋاق ئۈچ- تۆت كۈنلۈك بولغاندا تەرىتى نورماللىشىپ، رەڭگى سارغىيىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەسەبلىرى ئاجىز بولۇپ، كۆپىنچە ئۇخلايدۇ. بىر كېچە- كۈندۈزدە تەخمىنەن ئىككى – ئۈچ سائەتتىلا ئويغاق تۇرىدۇ. يىغلاش، كۈلۈش ۋە باشقا ھەرىكەتلىرى مەقسەتسىز ۋە ئىختىيارسىز بولىدۇ. پەقەت ئىككى ھەپتىن كېيىنلا ئەمچەكنى ئىزدەش، ئاغزىنى ئېچىش، ئىمىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تولۇق قىلالايدىغان بولىدۇ.