بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشنى ئۇماچ بىلەن داۋالاش
ئەتىياز كېلىشى بىلەن بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلاپ، قورسىقى ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. بالىغا دورا يېگۈزگەندىن كۆرە تۆۋەندىكىدەك ئۇماچلارنى قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.
ئالما قىيامى ئۇمىچى
ئالمىنىڭ تەركبىدىكى مول تاننىن كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى ناھايىتى ياخشى بولۇپ تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك: ئالمىنى ھورداپ، دۈملەپ، پىشۇرۇپ، يۇمشاق ئىزىپ بالىغا يىگۈزسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سەۋزە قىيامى ئۇمىچى
سەۋزىنىڭ تەركىبىدە مول كاروتېن ۋە مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىدىكى بەز تەنچىللىرىنىڭ زىيادە ئاجىرىلىپ چىقىشنى تىزگىنلەش ۋە سۈمۈرۈش رولى بار.
زەنجىۋىل قەلەمچىسى ۋە ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئۇمىچى
ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ تارىيىش ۋە يىغىلىش ئىقتىدارى بار، زەنجىۋىل قەلەمچىسىنىڭ ئاشقازان ۋە تاللىنى ئىللىتىش رولى بار، ئىككىسىنى بىللە قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، ئىچ سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ.