بالىلار كېسەللىكى

بوۋاقلارغا تۆۋەندىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك

بوۋاقلارغا تۆۋەندىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك

ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر : ئىسپىرت بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسى ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ ، يارا پەيدا قىلىپ نورمال ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئىسپىرت بوۋاقلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ .

روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەر : قەھۋە، كولاغا ئوخشاش روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىۋىدە كوففېئىن بولۇپ ، بوۋاقلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى روھلاندۇرۇپ ، مېڭىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

چاي : چاي تەركىبىدىكى ۋىتامىن ، مىكرو مىقدارلىق ئېلىمېنتلار ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولسىمۇ ، بالىلار چاي ئىشقارىغا نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدىغان بولغاچقا ، چاي ئۇلاردا يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ كېتىش ، كۆپ سىيىش ، ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . چاي ئىچكەندىن كېيىن تۆمۈر ئېلىمېنتىنىڭ سۈمۈرۈلىشى ئىككى–ئۈچ ھەسسە تۆۋەنلەپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلاردىكى قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ .

گازلىق سۇ : گازلىق سۇ تەركىبىدىكى سۇدا ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ ، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، َگازلىق سۇ تەركىبىدىكى فوسفات كىسلاتا تۇزلىرى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، بوۋاقلاردىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى

بالىلاردىكى قىزىل(ئىسكارلاتىنا- ھۆممائى قىرمىزىي)

 تۇنۇش: بۇ بىرخىل تىرە يۇزىگە قىزىل ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپالىنىدىغان  ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەلىك بۇلۇپ ، ئادەتتە 6ئايلىقتىن يۇقىرى بەش ياشتىن تۈۋەن بالىلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر يىلنىڭ ھەممە پەسىلدە بۇلىۋېرىدۇ ئەمما ئەتىياز پەسىلدە كۆپرەك تارقىلىدۇ.

سەۋەبى: زەھەرلىك ۋابائى ھاۋانىڭ شامال ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەپەس يۇلىغا كىرىپ، قانغا ئۈتىشى كىسەللىك جاراسىمىنىڭ بىر بالىدىن يەنە بىربالىغا يۇقىشى ئىمىتكۈچى ئانىنىڭ ۋە بالىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك تۆت خىلىتنىڭ قايسى بىرىدە ئۇفۇنەت پەيدا بۇلۇش قاتارلىق سەۋەپلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: (1) يۇشۇرۇن دەۋرى: قىزىلنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى 12-10كۈن بۇلۇپ ئۇتتۇر ھىساپ بىلەن 11كۈن بۇلىدۇ. بۇ جەرياندا رەسمى كىسەللىك ئالامىتى كۈرۈلمەيدۇ.

 (2) كىسەللىك باشلىنىش مەزگىلى: بىماردا تىترەش، جۇز- جۇغ بۇلۇش قىزىش ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ. قىزىتما ئۆرلەيدۇ. بالا بىئارام بۇلۇپ ئەس ھۇشىنى يۇقىتىدۇ. كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ ئىششىيدۇ. چۈشكۈرۈش بىلەن بىرگە بۇرنىدىن سۇ ئاقىدۇ. يۈتۈلۈش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ. قىزىتما باشلىنىپ 1-2كۈندىن كىيىن ئېغىز ئىچى قوۋۇزنىڭ يان تەرەپلىرى ۋە چىش گۆشلىرىدە يىڭنىنىڭ ئۇچچىدەك چوڭلۇقتىكى چۆرىسنى قىزىللىق ئوراپ تۇرغان ئاق تاشما كۈرىلىدۇ. تاشنىڭ سانى بىردىن 10دانىغىچە بۇلىدۇ. بۇ بەلگە قىزىلنى تۇنۇشتىكى ئەڭ  مۇھىم بەلگە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

(3) ئەسۋە چىقىش دەۋرى:قىزىتما باشلىنىپ 4،5كۈندىن كىيىن ئىگىز پەس بۇلۇپ تۇرىۋاتقان قىزىتما بىردىنلا ئۆرلەپ كىتىدۇ. كىسەلنىڭ گاللىرى قىزىرىدۇ. ئاۋازى بۇغۇلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىچى سۈرسە بەزىلىرىنىڭ ئىچى قېتىپ قالىدۇ. كىسەل بالا ئاشقازان ئاغزىدا ئاغرىق ھىس قىلىدۇ. مۇشۇ ئۇمۇمى بەدەنلىك بەلگىلەر بىلەن كىسەلنىڭ بەدىنىگە ئىنتايىن ئۇششاق قىزىل دانچىلار چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ دانچىلار كۈپۈنچە ئەۋەل قۇلاقنىڭ كەينىگە ئۇندىن كىيىن باش، پىشانە، بۇيۇن، يۈز ساھەسىگە چىقىپ كىيىن گەۋدىگە ئاخىردا قول پۇتلارغا چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىردا تاپان بىلەن ئالقانغا چىقىدۇ. چىققان تاشقا قولغا ئۇرۇنغۇدەك ھالدا تىرىدىن كۈتۈرلۈپ تۇرىدۇ. ئەسۋە چىقىشقا باشلاپ 1-2كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي چىقىپ بۇلىدۇ. قىزىل ئەسۋىسى دەسلەپتە شالاڭراق چىقىپ تەدرىجى ھالدا كىڭىيىپ كۈپۈيىدۇ. ئاندىن ئۆز- ئارا قۇشۇلۇپ ، دائىرىسى كىڭىيىپ شەكلى ئوخشاش بولمىغان ئالىچىپارلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەسۋىلەر ئارىسىدا سىلىق تىرىنىڭ رەڭگىنىمۇ ئىنىق كۆرگىلى بۇلىدۇ. بۇ دەۋردە قىزىتمىسى دەسلەپكى دەۋردىن يۇقىرى بۇلىدۇ. بالا بەكرەك بىئارام بۇلىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا جۆيلۈش، ھۇشىدىن كىتىش، تۇتقاقلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولغاندىن تاشقىرى گال ساھەسى زەخىملەنگەچكە ئاۋازى پۈتۈپ بۇغۇق يۈتىلىدۇ. كۈزىنى چاپاق باسىدۇ. كۈزىدىن ياش ئاقىدۇ. قاپاقلىرى ئىششىپ كىتىدۇ. كىسەلنىڭ بۇ دەۋرى 3-5كۈن بۇلىدۇ.

(4) كىسەلنىڭ ئەسلىگە كىلىش مەزگىلى: بىمارنىڭ روھى ھالىتى تەدرىجى ياخشىلىنىپ ئەس ھۇشى ئەسلىگە كىلىدۇ. قىزىتمىسى تەدرىجى نورماللىشىدۇ. قاپارتمىلار ئەتراپىدا قىچىشىش پەيدا بۇلۇپ دانچە قەقەچلىرى تۈكۈلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ.

پەرۋىش قىلىش: كىسەل بالا ئىسسىق ياتقۇزۇلۇپ ئوبدان ئارام ئالدۇرىلىدۇ. ئۆينىڭ ھاۋاسى پات- پات يىڭىلاپ تۇرىلىدۇ. كىسەل بالىغا سۇغۇق ھاۋا شامال تىگىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

كىسەل بالىغا قايناقسۇ كۆپ بىرىلىدۇ. تازىلىققا دىققەت قىلىنىدۇ.

بالىلارنىڭ كۆز، ئېغىز- بۇرۇنلىرى،پات- پات ئىلىمان سۇدا نەملەنگەن لۈڭگە بىلەن سۈرتۈپ تۇرىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىتمىنى پەسەيتىدىغان  دورىلا ربىرىلمەيدۇ. پەقەت قايناقسۇنى كۆپ بىرىپ ئىسسىق بېقىلسىلا بۇلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇلۇش

تۇنۇش: تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2.5كىلوگىرامدىن تۈۋەن بۇلۇپ، ئاي كۈنى تۇشۇشتىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلۇش بالدۇر تۇغۇلۇش دىيىلىدۇ.

سەۋەپ: بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدا ئاساسەن تۈۋەندىكى سەۋەپلەر بۇلىدۇ.

(1) ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كىسىلى:

(2) باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىشى ياكى بالا ھەمرىيىنىڭ تەتۈر ئۇرۇنلىشىپ قېلىشى

(3) قوشكىزەك ياكى ئۈچ كىزەك ھامىلدارلىق.

(4) ئېغىر سۇزۇلما كىسەللىكلەر مەسىلەن: ئېغىر ئۆپكە سىلى، يۈرەك كىسىلى ، بۆرەك كىسىلى، دىيابىت، ئادەتلەنگەن بالدۇر تۇغۇلۇش ئۇزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىش قاتارلىقلار.

(5) قان ئازلىق.

(6) يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە قىزىتمىنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىشى.

(7) بالىياتقۇ ئىچىگە ئۆسكەن غەيرى گۆش.

(8) تۈرەلمىنىڭ شەكىللىك بۇلۇپ قېلىشى

(9) ھەرخىل تۈردىكى زەھەرلىنىش

(10) قاتتىق چارچاش ۋە ھەرخىل زەربە تەسىرىدىن زەخىملىنىشلەر سەۋەبىدىن بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ.

ئالامىتى: بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا ئاساسەن تۈۋەندىكى ھەرخىل بەلگىلەر بۇلىدۇ.

(1)تاشقى كۈرۈنۈش جەھەتتىن:

بالىلار قانچە بالدۇر تۇغۇلغان بولسا تىرىسىدىكى قورۇق شۇنچە كۆپ تىرناقلىرى يۇمشاق بۇلىدۇ. گەۋدىسىكى ھامىلە تۈكلىرى ئۇزۇن باش قىسمىدىكى تۈكلەر شالاڭ ۋە قىسقا بۇلىدۇ. تىرىسى بوش ۋە يۇمران كىلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۇرقدانى تېخى ئۇرۇقدان خالتىغاچۈشمىگەن : بالدرۇ تۇغۇلغان قىز بالىلارنىڭ جىنسى ئەزاسىدىكى دىلچۇق چوڭ ۋە قېلىن، چوڭ جىنسى لەۋلىرى تولمىغان بۇلىدۇ.

(2) بەدەن پائالىيىتى جەھەتتىىن:بەدىنى تىز قىزىرىپ، تىز سۇۋۇيدىغان، بىردەم قىززىپ بىردەمدىلا سۇۋۇيدىغان ، ئۇڭاي يۇقۇملىنىدىغان بۇلىدۇ. نەپەسلىنىش تىز ۋە ئۆزە بۇلۇپ بەزىدە تەرتىپسىز نەپەسلىنىدۇ. يىغىسى ناھايىتى ئاجىز بۇلىدۇ. گېلىدىكى شىلىمشىقلارنى چىقىرىش تەس بولغاچقا ئۇڭايلا كۆكىرىپ كىتىدۇ.

ئىمىش ۋە ئەمگەن سۈتنى يۇتىشى ئاجىز بۇلىدۇ. ئۇڭايلا قېقىلىپ كىتىدۇ. ئىچى سۈرىلىدۇ ۋە قۇرسىقى كۈپىدۇ. شۇڭا ئۇڭايلا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەلسىك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قالسا سۇلۇق ئىششىق پەيدابۇلۇپ قالىدۇ. بۆرىكى تۇلۇق يىتىلمىگەنلىك سەۋەپتىن سۈيىدىمۇ نورمال بولمايدۇ. بەزىلىرى ئۇڭايلا راخىت كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ. بەدىنى ئاجىز بولغاچقا قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىمالى چوڭ.

داۋالاش:

بالدۇر تۇغۇلغان بالىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش بالىنىڭ ئەھۋالىغاقاراپ مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم. زۈرۈر تېپىلسا داۋالىسا بۇلىدۇ.

(1)   پەرۋىش قىلىش:

بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىنلا پەرۋىشنى باشلاش كىرەك. ئالدى بىلەن بالا تۇغۇلغان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئىسسىتىش بىلەن بالىنى سۇغۇق تىگىپ قېلىشتىن ساقلاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېغىز بۇرۇنلىرىنى پاكىزە تازىلاپ، نەپەس يۇلى تۇسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كىرەك. يۇمشاق يۆگەككە يۆگەپ ئىسسىق ساقلاش لازىم.

پەرۋىش قىلىشتا ئىنچىكە ھەم سەۋرىچان بۇلۇش، ئۇزۇقلاندۇرۇشتا ئىنچىكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، ئېغىر كەلمىگۈدەك بەدەن ئىھتىياجى قامدالغۇدەك ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم. تاماق يىدۈرۈش، ئىمىتىش، يۇيۇندۇرۇش، زاكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەممىسىنى بەكمۇ سىلىقلىق ۋە بالىغا سۇغۇق تەككۈزۈپ قويماسلىق شەرتى بىلەن ئۇرۇنداش لازىم. 2كىلوگىرامدىن كىچىك بالىلارنى يۇماسلىق تۇغۇلۇپ 4سائەتتىن كىيىن بەدەندىكى ھامىلە شالتاقلىرىنى ئىسسىتىلغان كۇنجۇت يېغى ياكى بادام يېغى بىلەن ياغلاپ ئاندىن پاختا بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىش لازىم. بىرقېتىمدا بولمىسا ئەتىسى يەنە مايلاپ سۈرتسە بۇلىدۇ. ئەگەر بالا بەك ئاجىز بولسا تازىلىمىسىمۇ بۇلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇلغان بالىنىڭ بەدىنى ئاجىز بولغانلىقتىن ئۇڭاي يۇقۇملۇنۇپ قالىدۇ. شۇڭا ھەممە ئامالنى قوللۇنۇپ يۇقۇملۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بالا ياتقان ئۆپكە كىسەل ئادەم كىرمەسلىكنى، ھەممىلا ئادەم قۇلىغا ئېلىۋەرمەسلىك لازىم. بالىنى ياتقۇزغاندا، ھەمىشە بىرخىل ياتقۇزىۋەرمەي ھەرقېتىم ئىمىتكەندىن كىيىن، يېتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، كۆپرەك ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتقۇزۇش لازىم

ئالدىنى ئېلىشتا: ھامىلدارلارنى ئاسراش، ياخشى ئۇزۇقلاندۇرۇش بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى بىرىش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button