ئاياللار گۈزەللىكى
ئاددىي تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرىدىن ئىككى شىڭگىل
- تۇزنى كىچىككىنە سۇدا ئېرىتىپ تازا شاكىراپ قىلىمىز، ئاندىن يۈزىمىزگە تەكشى سۈرىمىز، بىراز تۇرغۇزۇپ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىمىز.
رولى: بىر تەرەپتىن تېرىدىكى ئۆلۈك تېرە ھۈجەيرىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا خۇنۇك، تېگىدىن قارىداپ قالغان تېرىنى ئاقارتىش رولى بار.
يەنە بىر تەرەپتىن تۇز دانىچىلىرى كىچىك بولغاچ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئىچىگە كىرىۋالغان چاڭ-توزان ۋە تېرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى پاكىز تازىلايدۇ.
بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىسىگە ئىككى قېتىمدىن جىق قوللانماڭ، بولمىسا تېرە زەخىم يەپ قالىدۇ. تېرىڭىزدە جاراھەت بولسىمۇ قوللانماڭ.
2. يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن، ياكى ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، تېرىنى پاكىز يۇيىدىغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۈزنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، بىر پىيالىگە كىچىككىنە باناننى ئېزىپ، ئۈستىگە كىچىككىنە سۈت قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چاپىمىز، 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋېتىمىز.
رولى: تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ. ئاياللار ياشقا چوڭايغانچە قورۇقتىن قېلىشمايدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ بىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدۇر.
3. ئاخشىمى سۇنى كۆپ ئىچىپ سالدىڭىز، ئەتىگەندە تۇرسىڭىز كۆزىڭىزنىڭ چۆرىسى ئىششىپ، قارىداپ مۈشۈكئېيىق چىراي بولۇپ قالدىڭىز. چارىسى بەك ئاددى: باناننى ئېزىپ كۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىڭىزغا تازا پاتلاپ سۈرۈپ بېرىڭ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىڭ.
باناننىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان كالىي ئېلمىنتى تېرىنىڭ ئاستىدىكى سۇنى سۈمۈرۈپ ئىششىقنى يوقىتىدۇ.
4. بازاردىن ئەرزان نەملىك ساقلاش مېيىدىن بىرنى سېتىۋېلىڭ، مەسىلەن 美加净 دېگەندەك. (ئەرزان مايدىن مۇشۇ ئېسىمدىكەن. يەنە يېڭى چىققانلىرىمۇ باردۇ بەلكىم) قول، پۇتىڭىزنى پاكىزە يۇيۇڭ، تاپان تەرىپىڭىزدە ئۆلۈك تېرىلەر يىغىلىپ قېتىشىۋالغان بولسا ئۇنىمۇ پاكىز قىرىپ چىقىرىۋېتىڭ. ئاندىن قولىڭىزغا، پۇتىڭىزغا ئاۋۇ ماينى تازا راۋۇرۇس پاتلاپ سۈرۈپ پاختا پەلەي، پاختا پايپاق كىيىپ ئۇخلاپ قېلىڭ. ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا قول-پۇتىڭىزنىڭ تېرىسىنىڭ ئىنتايىن يۇمران ۋە پارقىراق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.