ئاياللار گۈزەللىكى

تېرە ئاسرايدىغان 5 خىل يىمەكلىكنى بىلەمسىز؟

يېمەكلىك دېگەن سىرلىق نەرسە، يېگەندىن كېيىن ياشلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ياخو ئاياللار تورىدا مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ چىققان 5 خىل تېرە ئاسراش يېمەكلىكى ئېلان قىلىندى.
ھەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ قېرىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. مەلۇم ياشقا بارغاندىن كېيىن، ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرى ئارقىلىق يۈزىدىكى داغ ۋە قورۇقلارنى يېپىپ، ياشلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولىشىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت قېرىلىقنى سىرتتىن يوشۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

  1. ئانار تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ.نىيۇيورك غەربىي نەي تېغى (西奈山) تېببي ئىنىستىتۇتى تېرە كېسەللىكلىرى پروفېسسورىدېبرا گارىي (Debra • Gary  德布拉•加里曼) نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئانارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، تېرىنى ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلايدىكەن. ئېللاگىك، كىسلاتا قاتارلىق پونى فېنول ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرۇپ، مۈڭگۈز ماددىسىنى قوغداپ، شۇ ئارقىلىق تېرىنى يۇمشاق ۋە پارقىراق قىلىدىكەن. ئوزۇقشۇناس جەكى نىيۇگېنت (杰姬•纽根特 Jackie • new gent) ھەر ھەپتە  1تال ئانار يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  1. كۆك بۆلجۈرگەنقورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.كۆك بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭكىدىن كۆپ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار تېرىنى  ئاپتاپتىن كۆيۈش، كەيپىيات ناچار، بېسىم ئېغىر بولۇش ياكى زىيادە ھەرىكەتتىن كېلىپ چىققان ئەركىن رادىكاللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلاپ تېرىنى ئاسرايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھەر كۈنى كۆك بۆلجۈرگەن يېيىش ئارقىلىق تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
  2. پالەك تېرىنى چىڭىتىدۇ.«يېزا-ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك خىمىيىسى» ژۇرنىلىدا يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. پالەك تەركىبىدە ئالاھىدە ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىرىكمە مادداتېرىنى ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلايدۇ. پالەك تەركىبىدىكىβكاروتېن (β胡萝卜素) ۋە فىلاۋىن (黄素) تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ. كاپۇستىنىڭمۇ ئوخشاش رولى بار. ئوزۇقشۇناس جەكى نىيۇگېنت ھەر كۈنى  3 ۋاخ پالەك ياكى كاپۇستا يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
  3. تاۋۇز تېرىنى نەمخۇش قىلىدۇ.تاۋۇز تەملىك بولۇپلا قالماستىن، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C، لىكوپېن(番茄红素 ) ۋە كالىي بار. بۇلار ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تەڭشەپ، ھۈجەيرىلەرنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ.
  4. زەيتۇن مېيى تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.زەيتۇن مېيى تەركىبىدە، سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى(欧米伽—3脂肪酸) بار بولۇپ، ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى يۇمشاق، پارقىراق قىلىدۇ. جەكى نىيۇگېنت ھەر كۈنى بىر قوشۇق زەيتۇن مېيى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button