يۈز تېرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى خالامسىز؟
ئاياللار يۈز تېرىسىنىڭ ئاپئاق، سۈزۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا خانىم – قىزلار تۈرلۈك پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىشقا ئۇرۇنىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تېرە زىيانغا ئۇچراپ تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنداقتا پەرداز بۇيۇمى ئىشلەتمەيمۇ تېرىنى ئاق ھەم سۈزۈك قىلغىلى بولامدۇ ؟
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز :
كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىگە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ 20 منۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈز تېرىسى چىڭىپ سىلىقلىشىدۇ .
كۈندە ئەتىگەندە يۈزىگە يېڭى سۈت سۈرۈپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىدۇ .
كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە، لىموننىڭ تەبىئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا تېرىنى ئاقارتىپ، يۈزدىكى داغ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ، لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئالما، تەرخەمەك پارچىلىرى ياكى تاۋۇز شاپىقىنى يۈزىگە سۈرتۈپ بەرسە، تېرىنى نەملەشتۈرۈپ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەرۋايىت تالقىنىدىن ھەر كۈنى 2–3 گرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت تالقىنىنى گلتسېرىن بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى سىلىق، ئاق، سۈزۈك بولىدۇ . چۈنكى مەرۋايتتا ئاقسىلغا تەۋە كۆپ خىل ئاممىياك كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل مىۋرو ئېلېمىنتلار بولۇپ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ياخشىلاپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .