ئاياللار غىزاسى

12 خىل يېمەكلىك ئاياللاردىكى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  1. ھەسەل قوشۇلغان ئىسسىق سۈت:ھەيز مەزگىلىدە بىئارام بولغاندا ئازراق ھەسەل قوشۇلغان ئىسسىق سۈت ئىچىپ بەرسە ياخشى. قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش، بەل تېز تېلىپ ئاغرىش، ھارغىنلىق، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ۋە كەيپىياتى ناچار بولۇش قاتارلىقلار ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئۇچرايدىغان بىئاراملىقلاردۇر. ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان ئىسسىق سۈت ئىچسە، ھەيز مەزگىلىدىكى ھەرخىل بىئاراملىقنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى ياكى يوقىتىدىغانلىقىنى بايقىدى. چۈنكى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى كالىينىڭ كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە قورساق ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ھەيز قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىش رولى بار؛ ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىينىڭ مەركىزىي نېرۋىنى تېنچلاندۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش رولى بار.
    2. بانان:ھەيز ئاغرىتىپ كەلگەندە ئازراق بانان يېسە ياخشى بولىدۇ. باناننىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن B6 بار، ۋېتامىن B6 نىڭ نېرۋىنى تېنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇنى ياخشىلاش ۋە قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە پايدىسى بار.
    3. سۆك شويلىسى: باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا ماگنىي كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. بۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان بىمارلارنىڭ قېنىدىكى ماگنىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، ئەگەر يېمەكلىكتە دىققەت قىلىپ، ماگنىي كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن، تېرىق، قارا بۇغداي، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بانان، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى يەپ بەرگەندە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشىنى يەڭگىللىتىدۇ.
    4. بېلىق تۈرىدىكىلەر: بېكىنمە بولغانلار بېلىقنى كۆپ يېيىش كېرەك. ئىچكى ئاجرالما ھورمونلارنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسانلا بېكىنمە كەيپىياتتا بولۇپ قالىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم رەڭلىك بېلىق، ساردىنا بېلىقى قاتارلىق ω-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان بېلىقلارنى يەپ بەرگەندە، ئاياللاردىكى بېكىنمە كەيپىياتنى يەڭگىللىتىدۇ ياكى يوقىتىدۇ. چۈنكى بۇ بېلىقلاردىكىω-3 ياغ كىسلاتاسىنڭ بېكىنمە كەيپىياتقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
  2. پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى:ئانىلىق ھورمون تۆۋەنلىگەندە، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش كېرەك. ئانىلىق ھورمون ئاياللار بەدىنىدىكى مۇھىم ھورمون بولۇپ، قاندىكى مىقدارى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا يۈرەكنىمۇ ياخشى قوغدىيالمايدۇ. سېرىق پۇرچاقتىكى ئىزوفلاۋون بىر تۈرلۈك ئانىلىق ھورمون ماددىسى بولۇپ، ئانىلىق ھورمون كەم بولۇشنى تولۇقلايدۇ. ھەركۈنى 500 مىللىلېتىر پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئىچىپ بەرسە ياكى 100 گرامدىن ئارتۇق پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى يەپ بەرسە،مەسىلەن دۇفۇ ياكى دۇفۇ قېقى دېگەندەك، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئېقتىدارىنى تەڭشەپ، ئانىلىق ھورموننى نورمال سەۋىيىگە تەڭشەيدۇ.
    6. سامساق: زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بارلار سامساقنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. دائىم سامساق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە ئاسان زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بولمايدۇ. چۈنكى سامساقتا مول بولغان ئاللىتسىن، سامساق辣素 قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇلار سۇلفۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئىي باكتېرىيە يوقىتىدىغان ماددا بولۇپ، كاندىدا ئالبىكانس زەمبۇرۇغىنىڭ جىنسىي يولىدا كۆپىيىشى ۋە ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ.
    7. 全麦 يېمەكلىكلىرى: سۈت بېزى بىمارلىرى全麦 يېمەكلىكلىرىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ يېمەكلىكىدە全麦 كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، ئانىلىق ھورموننىڭ قاندىكى نورمال ئايلىنىش سەۋىيىسىنى تەڭشەپ، ئانىلىق ھورموننىڭ ئۆرلەپ كېتىپ ھەرخىل سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لامىنارىيىدە مول بولغان يود بولۇپ، مېڭە ئاستى بەز ئالدى ياپرىقىنى غىدىقلاپ، سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچنى شەكىللەندۈرۈپ، تۇخۇمدان فوللىكۇلىنىڭ سېرىق تەنچىسىمان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم لامىنارىيە يەپ بەرگەندە سۈت بېزىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. قىزىل ئالما، قىزىل لازا قاتارلىق قىزىل كۆكتاتلاردىمۇ تەبىئىي بار. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قىزىل ئۈزۈم پوستى ۋە ئۈزۈم ئۇرىقىدا بىر خىل تەبىئىي راكقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇپ، ئانىلىق ھورموننىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، سۈت بېزىنى غىدىقلاپ، يامان سۈپەتلىك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button