ئاشقان تاماقنى يېمەسلىك كېرەك
نۇرغۇن ئاياللار توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن سەمرىپ كېتىدۇ. يېشى 40~50 كە بارغاندا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئەرلەر تەڭرىقۇت، بالىلار گۆھەر بولغاچقا ئاياللار ۋە ئانىلار ئاشقان تاماقنى يەيدۇ.
نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاياللار ۋە ئائىلار ئوزۇقلۇق قىممىتى ياخشى ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئۆزى يېيىشكە كۆزى قىيماي ئېرى ۋە بالىسىغا قالدۇرۇپ قويىدۇ، ئۆزى ئېرى ۋە بالىسىنىڭ ئالدىدىن ئاشقىنىنى يەيدۇ. ئېرى ۋە بالىسىنىڭ قانداق نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ۋە ئويلاپمۇ قويمايدۇ. جۇڭگودا نۇرغۇن ئاياللار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەلگەن.
ئەمما ئاياللار دائىم مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە، بولۇپمۇ يۈرىكىنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار دائىم جوزىدىكى ئاشقان تاماقنى يەپ كېتىۋەرسە «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قالدى» دېگەندەك ئەھۋال شەكىللىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى خولېستېرىن مىقدارى ۋە قاندىكى ماي مىقدارى ئۆرلەپ، قان تومۇرلاردا قالدۇق ماددىلار يىغىلىپ، قان تومۇرلار قېلىنلاپ ۋە تارىيىپ، ئاخىرى بىر كۈنى توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر يۈرەككە قان يېتىشمىسە يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش يېشى ئەرلەرنىڭكىدىن چوڭ بولۇپ، ئەرلەردىن 10 يىل كېيىن گىرىپتار بولىدۇ. ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش يېشى 55 ياش بولۇپ، بەزىلەر 55 ياشنى ئاياللارنىڭ خەتەرلىك مەزگىلى دەپ قارايدۇ. ئاياللار 55 ياشقا كىرگەندە بەدىنىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى چېكىنىدۇ، قان تومۇرى ئاجىزلىشىپ ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ. تېخىمۇ يامىنى شۇكى، ئاياللاردا يۈرەك كېسىلىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەسلىدە ئاياللار 55 ياشقا كىرگەندە ھاردۇق ئېلىپ راھەتلىنىشى كېرەك ئىدى، بىراق قورقۇنچلۇق يۈرەك كېسىلى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتە. ئەگەر كېسەللىك قوزغىلىپ خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، ياش ۋاقتىدا سالامەتلىككە دىققەت قىلماي ئەمدى پۇشايمان قىلغانغا ئورنىغا كەلمەيدۇ.
ئەرلەر، بالىلار _ خوتۇنۇڭلار ۋە ئاناڭلارغا كۆپرەك كۆيۈنۈڭلار!
ئاياللار يۈرىكىڭلارنى ئاسراڭلار، سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭلار!