ئاياللار غىزاسى

ئاياللار ئەڭ ئېھتىياجلىق 5 خىل يېمەكلىك

(1) چىلان: چىلان مېۋىسى تەركىبىدە ۋىتامىن C مىقدارى باشقا ھەرقانداق مېۋىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
(2) زىغىر: ئالىملارنىڭ قارىشىچە، زىغىرنىڭ تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىكەن.
(3) پۇرچاق ئۇيۇتمىسى: پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان ماددا مول بولۇپ، ئۇ ئاياللار كلىماكتېرىيە مەزگىلىنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىغا ھەمدە سۆڭەكنى مۇستەھكەملەش رولىغا ئىگە ئىكەن.

(4) كالا گۆشى: ئادەتتە ئاياللار ئاسانلا قان ئازلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ ھەمدە قان تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىمۇ ئازىيىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كالا گۆشى ئىستېمال قىلىپ، تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش ئەڭ ياخشى چارە بولۇپ، ئادەتتە 100 گرام كالا گۆشى تەركىبىدە ئۈچ مىللىگرام تۆمۈر ماددىسى بار. كالا گۆشى تەركىبىدە ماي مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، خولېستېرىننى تىزگىنلەپ، بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش بىلەن بىرگە ئېغىرلىقنى كونترول قىلىش رولىنىمۇ ئوينايدىكەن.
(5) كاللەكبەسەي: ياشانغان ئاياللار ئاسانلا سۆڭەك يۇمشاپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاچقا، كاللەكبەسەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالتسىي بولۇشتىن باشقا، ۋىتامىن ماددىسىمۇ مول. كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى ۋىتامىن K سۆڭەكنى ئاسراش رولىغا ئىگە.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button