ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ 9 غىزالىنىش كۆرسەتمىسى
ھەيز كېسىلىش مەزگىلى (كېلماكتېرىيە دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ياشتىن ياشىنىشقا قەدەم قويۇشىدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلى بولۇپ، ئادەتتە 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئارىلىق نەزەردە تۇتىلىدۇ. ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللارنىڭ بىر ئالاھىدە مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە بولىدۇ. كۆپىنچە ئاياللار تىنچ ھالدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق يەنە ئاز بىر قىسىم ئاياللار ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى پسىخولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈشلەر سەل چوڭبولغانلىقتىن، بەزى ئالامەتلەر تۈپەيلىدىن قىينىلىپ، بەدەن ۋە روھى ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ، ئاياللار بۇ مەزگىلدە تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەلداۋا غىزالىنىش كۆرسەتمىسى بويىچە غىزالىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.
ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ 9 غىزالىنىش كۆرسەتمىسى
- تەركىبىدە ئاقسىل مول بولغان سۈپەتلىك ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش.ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە جىنسىي بەزلەرنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، باشقا ئەزالارمۇ تەدرىجىي چېكىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلىنىشتا سۈپەتلىك بولغان ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن، سۈت، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى ۋە نۇقۇت ياسالمىلىرى دېگەندەك.
- يېڭى ۋە يېشىل سەي-كۆكتاتلار بىلەن مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.بولۇپمۇ يازلىق يېسىۋىلەك (小白菜) ، كەرەپشە (چىڭسەي)، چوڭ چىلان، دولانا قاتارلىق تەركىبىدە كاروتىن، بىئورگانىك تۇز ۋە سېللوزا كۆپ بولغان مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتاتلارنى يەپ بەرگەندە خولېسترولنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ۋە تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
- ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش.تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات مېيى، ھايۋان ئىچكى ئەزالىرى دېگەندەك. چۈنكى بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ماي كىسلاتاسى قاندىكى خولېسترولنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆرلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى قوناق مېيى، پۇرچاق مېيى، خۇاسېڭ مېيى دېگەندەك ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
- تۇز سىزراق غىزالىنىش.ھەر كۈنى قوبۇل قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ھەيز كېسىلىش مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش ئوڭاي كۆرۈلىدىغان خەتەرلىك مەزگىل. ھالبۇكى تۇز كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
5. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ.تاتلىق يېمەكلىكلەر كۆپ يېيىلسە، بۇ مەزگىلدىكى ئاياللار ئوڭاي سەمرىپ كېتىدۇ.
6. كالىتسىي تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. ئالدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا باب كېلىدىغانلىرى سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى بار. بۇلاردىن باشقا، خەيدەي، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى (زسەي،紫菜) لارمۇ بولىدۇ. كالىتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەك بوشىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
7. تەركىبىدە ۋېتامىن B1 بولغان يېمەكىلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن، ئورۇق گۆش، تېرىق، نۇقۇت قاتارلىقلار. بۇ نېرۋا سىستېمىسىنى ئاسراپ، ھەيز كېسىلىش دەۋرى ئۇنىۋېرسال ئالامىتى (更年期综合征) نى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق.
8. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قەۋزيەت بولۇپ قالغانلار سېللوزىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن، نۇقۇت تۈرىدىكىلەر، كەرەپشە دېگەندەك. سېللوزا يەنە خولېسترولنى سۈمۈرىۋېلىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
9. غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش. تاماكا، ھاراق، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە قاتارلىقلار. ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى مۇقىم بولمىغاچ، بۇ خىل غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ ئوڭايلا كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.