ئىشەنمىسىڭىز مەيلى، ياڭيۇ يەپ ئورۇقلىيالايسىز!
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياڭيۇ يېسە ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە كراخمال كۆپ، دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش خاتا بولۇپ، قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. ياڭيۇنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، %76 نى ئىگىلەيدۇ، كراخمالنىڭ ھەققى مىقدارى %20 گىمۇ يەتمەيدۇ. ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئادەمدە تويۇنۇش سېزىمى ھاسىل قىلالايدىغان بولۇپ، ياڭيۇ بىر خىل ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش يېمەكلىكىدۇر.
ئۇنداقتا، نېمىشقا باشقىلار ياڭيۇ يېسە سەمرىپ كېتىدۇ، دەپ قارىشىدۇ؟
كىشىلەرنىڭ ياڭيۇنى ئىستېمال قىلىش شەكلى توغرا ئەمەس. قاراپ باقىدىغان بولساق، ھازىر كىشىلەر بىر بولسا ياڭيۇنى قەلەمچە ياكى ياپراقچە قىلىپ مايدا قورۇپ ئىستېمال قىلىدۇ، يەنە بىر بولسا ماي ۋە گۆش بىلەن قوشۇپ قورۇپ ئىستېمال قىلىشىدۇ. ياڭيۇنىڭ ماينى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، 90 كالورىيە ئىسسقلىق ئېنىرگىيىسى بار ياڭيۇنى قورىغاندىن كېيىن 200 كالورىيە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى بار ياڭيۇغا ئايلىنالايدۇ. كۆرۈش ئوڭايكى، كىشىلەرنى سەمرىتىۋاتقىنى ياڭيۇ ئەمەس بەلكى ئۇ سۈمۈرىۋالغان مايدۇر.
ياڭيۇنى ئاساسىي يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك
كىشىلەر ئادەتتە ياڭيۇنى بىر خىل قوشۇمچە يېمەكلىك ياكى سەي قاتارىدا ئىستېمال قىلىشىدۇ. يەنى، ياڭيۇ يېگەن شارائىتتىمۇ ئاساسىي غىزالارنى كېمەيتمەيدۇ. ھالبۇكى، ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياڭيۇ يەنىلا ئىنتايىن ياخشى بولغان ئاساسىي يېمەكلىكتۇر. ياڭيۇ تەركىبىدىكى كالىي، ماگېنىي ماددىلىرىنىڭ مىقدارى گۈرۈچ ۋە ئۇننىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ياڭيۇ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولىدۇ. پەقەت يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاقىسللارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ياڭيۇ تەركىبىدە يەنە ۋېتامىن C بار، ئەمما گۈرۈچ ۋە ئۇننىڭ تەركىبىدە يوق. ياڭيۇدا يەنە يېمەكلىك تالاسى كۆپ، گۈرۈچ ۋە ئۇننىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ئازراق بولىدۇ. ياڭيۇدىكى يېمەكلىك تالاسى يۇمشاق، ئەۋرىشىم بولۇپ ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلىمايدۇ، ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا باب كېلىدۇ.
ئەمما، يېمەكلىك بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياڭيۇ يۇقىرى تېمپراتۇرىدا پىشۇرۇلسا ، بەزى زىيانلىق تەركىبلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، مايدا قورۇلغان ياڭيۇنى يەنىلا ئاز يېگەن تۈزۈك.
سۇدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ ئىستېمال قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، تەركىبىدە ھېچقانداق زىيانلىق تەركىب بولمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ياڭيۇ ئىستېمال قىلىش بىلەن تەڭ ئاساسىي غىزانى تەدرىجىي كېمەيتكەندە، بىرقەدەر ياخشى بولغان ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.