ھەيز مەزگىلىدە ئىچىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىچىملىكلەر
1. سۈت مەھسۇلاتلىرى:
كالا سۈتى تۈرىدىكى پىشلاق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ھەيزنى ئاغرىتىپ كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك.
2.چاي:
قېنىق چاي تەركىبىدە قەھۋەنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ بىۋاستە نېرۋا ۋە يۈرەك قان تومۇرنى غىدىقلاپ، ھەيز كېلىشنى تېزلىتىپ، ھەيز كېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ ۋە قان كۆپ چىقىپ كېتىدۇ.
3.گازلىق سۇ:
گازلىق ئىچىملىككە بەك ئامراق ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە روھسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. بۇ تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى گازلىق سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە فوسفات كىسلاتا تۇزى بۇلۇپ، بەدەندە خىمىيەلىك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسلەشتۈرىۋىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم گازلىق سۇنىڭ تەركىبىدە ناترى ھىدرو كاربونات بولۇپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بىلەن نېيتراللىشىپ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەمدە ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4.قەھۋە تەركىبى بار ئىچىملىك:
بۇ خىل ئىچىملىكلەر كۆكسى ئاغرىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق تۇراقسىز كەيپىيات پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى ۋىتامىن Bنى خورىتىپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىتابولىزمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.