قىز-ئاياللاردىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشنىڭ 6 تۈرلۈك سەۋەبى
نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تېببى خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىشى ۋە تەتقىقاتى جەريانىدا كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۈۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
قىز-ئاياللاردىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشنىڭ 6 تۈرلۈك سەۋەبى
- ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش.
بۇ خىل ھالەت ئادەتتە، 9 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بىرىدۇ. ئاغرىق ئۆزلىگىدىن توختاپ قالىدۇ.
2. ھەيزدىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش.
نۇرغۇن خانىم – قىزلار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا، كۆكسى سىلكىنگەندە ياكى بىر نەرسىگە تەگكەندە بىئارام بولغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇن ئاجىرىلىپ چىقىرىپ، سۈت بېزى ئاجىرىلىپ چىقىرىلىپ، كۆكسىنىڭ ئىچىدىكى يىغىلغان سۇلۇق ئىششىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز كېلىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. - ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش.
ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ 40 كۈنلەر بولغاندا، بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئاياللىق ھورمۇن، پىروگسىتىن، پىرولەكتىن ئاجىرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنى چوڭايتىپ، كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز. - تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكىسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى.
تۇغۇتتىن كېيىن 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە دائىم بىر جۈپ كۆكسىنىڭ چېڭقىلىپ، تولۇپ، تۈگىمىسى قاتتىقلىشىپ ئاغرىيدۇ. بۇ لىمفا سۇيۇقلىقىنىڭ يىغىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ۋىنا تومۇرىنىڭ تولۇشى ۋە ئارىلىقتىكى سۇلۇق ئىششىقنىڭ سەۋەبىدىن سۈت بېزى راۋان بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. - بالا ئالدۇرۇشتىن كېيىنكى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى.
بۇنىڭدا ھامىلىدارلىق تۇيۇقسىز ئاياغلىشىپ، بەدەندىكى ھورمۇن تۇيۇقسىز تۈۋەنلەپ، ئەمدىلا تەرەققىي قىلغان كۆكرەك يوغىناشتىن توختىغاچقا كۆكرەكتىكى سۈت بېزى پارچىلىرى ھەم كۆكرەك ئاغرىيدۇ. - جىنسى مۇناسىۋەتتىكى كېيىنكى كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى.
كۆكرەك بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ فىزىئۇلۇگىيىلىك مۇناسىۋىتى بار. جىنسىي ھەۋىسى ئاجىز ۋە جىنسىي تۇرمۇشتا كىلىشەلمىگەنلەر جىنسىي قانائەتكە ئېرىشەلمەي. كۆكرەككە قان تولۇپ، ئاسانلىقچە يانماي ياكى تولۇق يانماي ئىزچىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرىدۇ.
قىز-ئاياللار كۆكسى ئاغرىغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟ بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن.
ئاياللارنىڭ بۇ ھالەتلەر ئۈچۈن غەم يەپ كېتىشىنىڭ ئورنى يوق. لېكىن كۆكرەك ئۇزۇن مۇددەت چىڭقىلىپ يانماي ئېغىرلىشىۋەرسە، ياكى كۆكرەكنى تۇتقاندا ئىگىز پەسلىك ياكى ئوڭغۇل دۇڭغۇللۇق بايقالسا، قىرى ئېنىق بىلىنمىسە، ھەركەتلەنمەيدىغان ئىششىق بايقالسا, دەرھال دوختۇرغا تەكشۈرۈتۈشى كېرەك.
نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئىششىيدىغان سەرگۈزەشتىسى بار. لېكىن كۆپىنچىسى بۇنى كىچىك ئىش دەپ قاراپ دوختۇرغا بارمايدۇ. لېكىن بۇ بىر خاتا قاراش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن، ياكى تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقارغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئىچ كىيىم سۈركەلگەندە يېقىمسىزلىنىش ھالىتى بولسا ئاغرىققا تەۋەدۇر. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىق ۋە سۈت بېزى ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ھەيزدىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش بۇ كىسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆكسى كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە خېلى ئۇچرايدۇ. ئەگەر مەلۇم باسقۇچتا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ياكى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىسا، قالايماقانچىلىق يۈز بەرسە، ھەيزنىڭ كېلىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ كۆكسىگە تەسىر قىلىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىم كۆرۈلدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتۇر. ئەگەر تىگىشلىك داۋالاش ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەيزدىن بۇرۇن باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، يىنىك دەرىجىدىكى ئىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيزدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىسىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكرار يۈز بېرىدۇ. بۇ مىدىتسىنادا ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش يىغىندا كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەل ئۇزارغانسېرى سۈت بېزى ئاغرىقى، سۈت بېزى ئۆسمىسى، ھەيز قالايماقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز ۋاقتى قالايماقانلىشىش، ھەيز توختاش ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جۇڭگۇ تېبابىتىدە، ھەيزدىن ئىلگىرى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نۇرمالسىزلىقى، قان قېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى نۇرمالسىز، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولۇپ، كۆكسى چىڭقىلىپ، تۇتسا ئاغرىغاندىن باشقا، ئىچى تىتىلداش، پەي- ئۇستىخانلىرى ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، بىلىنىڭ ئاستى ئىككى تەرىپى ئاغرىش، ھەيزدە قارارەڭلىك قان ئۇيۇتمىسى كېلىش، جىسنىي تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىنىش، يۈزىگە قارا داغ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ. جىگەر ۋە ئاشقازاننى داۋالىغاندا، لىندىرا دەرىخى يىلتىزى، كۆركۈم گۈلى، بەرغەمۇت.