ئاياللار ساقلىقى

6 خىل ناچار ئادەت سىزنىڭ ھەيز كۆرۈش ۋاقتىڭىزنى دائىم كېچىكتۈرىدۇ

ھەيز كېچىكىپ كېلىش ياش ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى قىزلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، مۇبادا بەزەن بەزەندە شۇنداق بولۇپ قالسا، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق دائىم شۇنداق بولسا، چوقۇم كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرتۈپ ئېنىقلاش كېرەك، چۈنكى ھەيز كېچىكىپ كېلىش دائىم بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن بىشارىتىدۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ياشلىق مەزگىلىدىكى قىزلارنىڭ ھەيز كېچىكىپ كېلىشى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن.

  1. نورمال ھەيز كېچىكىپ كېلىش:ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ قالسا، ئەڭ ئاۋۋال ھەيز توختايدۇ. يەنى ھەيز كېلىشكە تېگىشلىك كۈنى كەلمەيدۇ، ئەكسىچە كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق ئەھۋال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش سىناق قەغىزى ياكى قان تەكشۈرۈش، ئۇلترا B تىپلىق نۇرلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ باقسا بولىدۇ.
    2. ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش: كېلىنكىدا كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندورومى كېسىلى دائىم كۆرۈلىدۇ، مۇبادا سېمىزلىك، تۈك كۆپ بولۇش، دانىخورەك، تۇغماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە چوقۇم ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، تېزدىن داۋالىتىش كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك. تۇخۇمدان ئىقتىدارنىڭ بالدۇر چېكىنىشىمۇ ھەيزنىڭ كېچىكىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    3. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر: بىر قىسىم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھەيز كېچىكىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردىن ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ئۆسمە، قالقانبەز فۇنكسىيىسى ئاجىزلىشىش، ئېغىر ھالدىكى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىقلارمۇ، دائىم ھەيزنىڭ كېچىكىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  2. زىيادە ئورۇقلاش:ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن قىزلار بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ ياكى تاماقتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ھەيز كېچىكىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، مۇبادا قىسقا ۋاقىت داۋاملاشسا، تەبىئىي ھالدا ھەيز دەۋرىيلىكى ئەسلىگە قايتىدۇ، بىراق ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، چوقۇم دورا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىقلا نورمال ھەيز دەۋرىلىكىگە قايتقىلى بولىدۇ.
    5. روھىي ئامىللار: مۇبادار تۇيۇقسىز روھىي جەھەتتە جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، ئەنسىرەش، قايغۇرۇش، مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق روھىي كەيپىيات ئامىللىرى كۆرۈلسە، بۇلارمۇ ھەيىزنىڭ كېچىكىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، كۆكسى ئىششىپ ئاغرىيدىغان، كۆڭلى بىئارام بولۇپ پىكىرى قالايمىقانلىشىدىغان، ئىچى سىقىلىپ بىئارام بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلىشىشقا قارىتا دورا ئىستېمال قىلىش ھاجەتسىز، بىراق بۇ خىل ئەھۋال ئۈزلۈكسىز داۋاملاشسا، جۇڭگوچە دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق ھەيىز دەۋرىنى تەڭشىسە بولىدۇ.
    6. بەزى دورىلارنىڭ تەسىرى: بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بولىدۇ، بۇ خىل دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى دائىم ھەيز كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئۇزۇن مۇددەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلىش، جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، ئاشقازان ھەرىكەتلەندۈرۈش دورىسى 吗叮啉، قالقانسىمان بەز فونكىسىيىسى ئېشىپ كېتىشنى داۋالايدىغان دورىلار، جۇڭيىچە دورا 雷公藤多甙 قاتارلىقلار.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button