ئاياللار ساقلىقى

ھەيز قالايمىقانلىشىش كەسىپ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

  1. زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئاياللار، چوقۇم بەزى زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ
    بولۇپمۇ خىمىيە سانائەت ماتېرىيالى، سۈنئىي تالا ئىشلەپچىقىرىش، ياكى كاربون تېتراخلورىد(四氯化碳)، ئەينەك قەغەز قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاياللار، خىزمەت داۋامىدا مېتىل بېنزول (甲苯)، دى مېتىل بېنزول (二甲苯)، كاربون دىسۇلفىد (二硫化碳)قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بولۇپمۇ كاربون دىسۇلفىد ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بېنزىن ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېلىماتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ كېلىماتېرىيە دەۋرى ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    شۇڭلاشقا، شوپۇر ئاياللار، ۋە كاۋچۇك، سۈنئىي خۇرۇم، سىر، بوياق ماتېرىيالى، دورىگەرلىك، باسمىچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللاردا دائىم ھەيز قالايمىقانلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
  2. داۋالاش سېپىدىكى ئاياللارئۆزى ھەيز دەۋرىيلىكى ۋە ئۇنىڭغا دائىر كېسەللىكلەرگە قارىتا چۈشەنچىسى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق دوختۇرخانىلاردا، خېلى كۆپ ساندىكى ئايالسېستىرالاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى ناركوز پۇرىقى ۋە دېزىنفېكسىيەگە ئىشلىتىلىدىغان فورمالدېگىد (甲醛) گازى دەل بالا قازانىڭ بېشىدۇر.
    3. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچقۇچى، ئايروپىلان كۈتكۈچىسى قاتارلىقلارمۇ دائىم ئاسمان بوشلۇقىدا ئوكسىگېن كەم مۇھىتتا تۇرغانلىقى، ۋاقىت پەرقى، تۇرمۇش رېتىمى قالايمىقان بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئوخشاشلا ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالىغا دۇچار بولىدۇ.
    4. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جىددىي ھەرىكەت ھەيز دەسلەپكى كۆرۈلۈش دەۋرىنى كېچىكتۈرۈپ، ھەيز توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە بالىت ئۇسۇلچى ۋە قىز تەنھەرىكەتچىلەر كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن.
    مۇبادا قىزلار 10 ياش ئەتراپىدىلا دائىملىق كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئالسا، ھەر بىر يىل مەشىق قىلغىنىغا دەسلەپكى ھەيز كۆرۈلۈش ۋاقتى 5 ئاي كەينىگە سۈرۈلىدىكەن. كىچىكىدىن بالىت ئۇسۇلى (芭蕾舞) ئۆگەنگەن قىزلارنىڭ بەدىنى يېنىكلەپ، ياشلىق دەۋرى كېچىكىدىغان ياكى ھەيز توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

چەتئەلدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا تەكشۈرۈلۈشىچە، 18 ياشتىن تۆۋەن قىز تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدە ھەيز قالايمىقانلىشىش كۆپ ئۇچرايدىكەن. كۆپ قىسىمىدا ھەيز كېچىكىپ كېلىدىغان، دەۋرى قانۇنىيەتلىك بولمايدىغان ھەتتا ھەيز توختاپ قالدىغان ئەھۋال ئېغىركەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىزاھلىشىچە بۇ خىل جىددىي ھەرىكەت تۆۋەنكى دۆڭ مىڭىنىڭ فونكىسىيىسىنى چەكلەپ، ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
5. دائىم يۇقىرى ئاۋاز، شاۋقۇن، رادىئاتسىيە بىلەن ئۇچرىشىدىغان، ھەمدە خىزمىتى روھىي جىددىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتتىكى ئاياللاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ھەيز قالايمىقانلىشىش كۆرۈلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ھەيز نورماللىقىغا تەسىر قىلىدىغان كەسپىي ئامىللار نۇرغۇن. ئاياللار چوقۇم ئەمگەك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى، ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى داۋاملاشسا، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئۈنۈملۈك داۋالىتىشى، زۆرۈر بولغاندا كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ، سالامەتلىكىنى قوغدىشى لازىم. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارمۇ مۇۋاپىق ئەمگەك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى تەڭشەپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button