ئاياللار ساقلىقى

سالامەتلىكىڭىزگە قىزىل چىراق يېقىلغانلىقىنىڭ 6 خىل خەتەرلىك سىگىنالى

ھازىرقى زامان كىشىلىرى دۇچ كەلگەن تۇرمۇش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئائىلە بېسىمى ھەقىقەتەنمۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بولماقتا. تۆۋەندە، سالامەتلىكىڭىزگە قىزىل چىراق يېقىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان 7 خىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز، بۇلارنى بايقىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بارماي تۇرۇپمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋالالايسىز.

  1. دائىم چارچاش ھېس قىلىش
    چارچاش سالامەتلىكنىڭ ناچارلىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىنىڭ بىرى. نۇرغۇن كېسەللىكلەردە چارچاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا چارچاش ئالامىتىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. جۇڭگو تىبابىتى نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ماغدۇرسىزلىق، مەنپىيلىك زەئىپلىشىش، قان زەئىپلىشىش قاتارلىقلار ئوڭايلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    2. ئاچچىق نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىش
    ئادەم جىددىيلىشىپ چارچاپ كەتكەندە، تەم سەزگۈسى كۈچىيىپ كېتىدۇ ياكى ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ۋە ياكى بولمىسا ئاچچىق نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش ئاشقازانغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ ياندۇرۇش، تارقىتىۋېتىش رولى بولغاچقا، ئادەمنىڭ ئېنىرگىيەسىنى خورىتىدۇ، ئىممۇننتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.
  2. ئاساسىي ئوزۇقلۇقلارنى ئاز يېيىش
    ئورۇقلاش ئۈچۈن، ئاساسىي ئوزۇقلۇقلارنى يېمەسلىك ياكى ئاز يېيىش بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. ھەتتا دىئابىت كېسىلى بار بىمارلارنىڭمۇ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسىي ئوزۇقلۇق مىقدارى 6 سەردىن تۆۋەن بولماسلىقى تەكىتلىنىدۇ، ساغلام ئادەملەر ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
    4. دائىم ئۇساش
    دائىم ئۇساش بەلكىم مەنپىيلىك زەئىپلىشىش ياكى خىلىتلارنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن. بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى يېتىشمەسلىك، شۆلگەي كەملىك، قان توسۇلۇپ قېلىش، بەلغەم توسۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇسساپ تىل قۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روھى جەھەتتىكى جىددىيلىك، ئەنسىرەش قاتارلىقلارمۇ ئۇساشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    5. سائەت 10 دىن كېيىن ئۇخلاش
    جۇڭگو تىبابىتىدە «ئازراق چۈشلۈك ئۇيقۇ»، ۋە كەچتە سائەت 9 دىن بۇرۇن ئۇخلاش ئەڭ ياخشى دەپ قارىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەنپىينى قۇۋەتلەپ، كېچىدە بەدەنگە ئېنىرگىيە تولۇقلىغىلى بولىدۇ. كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى كېچىككەندىمۇ 9:30 دىن كېيىن قالماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئۇيقۇ ئېچىلىپ كېتىپ، ئاسان ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.
    6. بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىش
    مۇبادا سىز مەخسۇس ئورۇقلىماي تۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز يېرىم يىل ئىچىدە 10 كلوگىرامدىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرەر يوشۇرۇن كېسەل بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. ناۋادا كېسەللىك سەۋەبىدىن بولمىسا، بەلكىم روھىي بېسىم ياكى كەيپىياتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى ئېھتىمال.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button