ئاياللار ساقلىقى

ئاياللار ھەر كۈنى 3 سائەت تېلېۋىزور كۆرسە خامۇش بولۇپ قالىدىكەن

ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ 50 مىڭ نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى ۋە ھەرىكەتلىنىش ئادىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ بىرقەدەر ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى 2 ھەسسە ئاز بولىدىكەن. ھەر كۈنى 3 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېلېۋىزورنى ئاز كۆرىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %30 يۇقىرى بولىدىكەن.

گەرچە مەزكۇر تەتقىقات تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش ياكى ئاز ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىۋاسىتە خامۇشلۇق كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما،ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپ ھەرىكەتلىنىش ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button