ئاياللار ساقلىقى
ھەيز دەۋرلىكىنى تەڭشەش ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئاسىراش
- ئەگەر ھەيز دائىم بالدۇر كەلسە (5 كۈندىن يۇقىرى)، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ھەمدە ئامال بار جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىشتەك روھىي ھالەتنى يوقىتىش كېرەك.
- ئەگەر ھەيز دائىم كېچىكىپ كەلسە، (5 كۈندىن يۇقىرى)، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز، گۆشنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. ھەيزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى كۈنلىرى زەنجىۋىل بىلەن قورۇلغان جىگەر ۋە قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
- ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدىدا تەشۋىشلىنىدىغان، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان، بەللىرى ئاغرىيدىغانلار كۆپ مىقداردا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ۋە مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەرەپشە (چىڭسەي)، دۇفۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، بەدەندىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش لازىم.
- ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، بەدەندىكى ئېنېرگىيىنى ساقلاش لازىم. بۇ مەزگىلدە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك، مايلىق، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك.
- ھەيزدىن كېيىن ئاسانلا بېشى قايىدىغان، قېنى ئازلار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن زەنجىۋىل، غول پىياز ۋە دورا- دەرمانلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
- ھەيز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك.
- ھەيز مەزگىلىدە كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك.