ئاياللار ساقلىقى
ھەيز مەزگىلىدە ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ ئامالى
- تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يەڭ:
يېمەك-ئىچمىكىڭىز تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك. زىيادە تاتلىق ياكى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. كۆكتات، مېۋە-چېۋە، بېلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ.
- ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاڭ:
مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C، B6، B1، كالتسىي ۋە ماگنىيلارنى تولۇقلاشنىڭمۇ ئاغرىقنى پەسەيتىشكە مۇئەييەن ياردىمى بولىدۇ.
- كوفېئىندىنساقلىنىڭ:
قەھۋە، چاي، كولا ۋە شاكىلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن ھەيز مەزگىلىدىكى ساقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ مەزگىلدە كوفېئىن ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
- ئۆزىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ:
قورساق قىسمىغا گرېلكا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزسە، ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ.
- قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىڭ.
- ھەرىكەت قىلىڭ:
بولۇپمۇ ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى مېڭىپ بەرسىڭىز ياكى باشقا مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسىڭىز، ھەيز مەزگىلىدە بەك بىئارام بولۇپ كەتمەيسىز.