ئاياللار ساقلىقى

تېخىمۇ ساغلام بولاي دېسىڭىز كالتىسىي تۇلۇقلاڭ

كالتسىي تولۇقلاش ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1:7 بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئاساسلىقى، ئاياللاردا ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم كالتسىي يوقىتىش مەزگىلى بولىدۇ. بىرىنچىسى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى؛ ئىككىنچىسى، ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلى؛ ئۈچىنچىسى، كلىماكتېرىيە مەزگىلى.
1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى دېگىنىمىز، قىزلارنىڭ 13 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان يېتىلىش مەزگىلىدۇر، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ يېتىلىشى تېز، كالتسىيغا بولغان ئېھتىىياجى يۇقىرى بولىدۇ، ناۋادا بۇ مەزگىلدە كالتسىينى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە ھەم پۈتۈن ئۆمرىدىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە جۇغلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
2. ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىمۇ ئاياللارنىڭ ئاساسلىق كالتسىي يوقىتىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئانا بەدىنىدىن كۆپ مىقداردىكى كالتسىينى ھامىلە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەك قىلىدۇ.
3. ئاياللاردا ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن ئانىلىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى توختاش سەۋەبىدىن كالتسىي يوقىتىش سۈرئىتى تېزلەيدۇ، بۇمۇ ئاياللاردا كالتسىي كەمچىل بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاياللار تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
4. ئاياللاردا ھەرىكەت ئازراق بولىدۇ، ھەرىكەت سۆڭەكنىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسىڭىزمۇ ھەرىكەت قىلمىسىڭىز، كالتسىي قانغىلا كىرىدۇ، قاندىكى كالتسىينى  سۆڭەككە يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button