ئاياللار كېسەللىكى

زەمبۇرۇغ خاراكترلىك جىنسى يول ياللۇغى

تونوش :

  بۇزۇلغان،چىرىگەن،ئۇزۇن تۇرغان نەرسىلەردىن پەيدا بولىدۇ

سەۋەبى :

كۆكەرتىش جاراسىم خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغى بولسا كۆپ ئۇچرايدىغان جىنسى يول ياللۇغى .

كۆكەرتىش خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغىنى كۆكەرتىش جاراسىمنىڭ بىر خىلى بولغان ئاق رەڭلىك تەسۋېرسىمان جاراسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تامچە قۇرۇت خاراكترلىك  جىنسى يول ياللۇغقىدىن قالسىلا  ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇقۇش يوللىرى:

ئاق رەڭلىك تەسۋېرسىمان جاراسىم جىنسى يول ئىچىدە پارازىتلىق بىلەن ياشاشتىن سىرىت يەنە ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى،ئۈچەي يولى قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ.

بىۋاستە يۇقۇش:

تىببى داۋالاش سايمانلىرى ھەمدە جىنسى ئلاقە ئارقىلىق بىۋاستە يۇقىدۇ.

ۋاستىلىق يۇقۇش:

بۇ خىل كىسەل بىلەن  ئاغىرىغان بىمارنىڭ ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتشن يۇقىدۇ.

كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى:

تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىش:تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىش بۇ كىسەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى بولۇپ كىسەل ئېغىرلاشقاندا ئولتۇرسىمۇ،ياتسىمۇ،ئارام تاپالماي ئۇيقۇسىغا تەسر يىتىدۇ.ئۇندىن باشقا قىچىشىشى بىلەن بىرگە كۆيۇشۇپ ئاغىرىيدۇ،بۇخىل ئالامەت قاننىڭ ئۆتكۈرلىگى ۋە سەپرانىڭ زىيادىلىغىدا كۆرۈلىدۇ.

ئاق خۇن كۆپۈيۈش: ئۆتكۈر خاراكتىرلىك مەزگلدە جىنسى يول ئاجرالمىلرى كۆپۈيۈدۇ،ئاق خۇن ئېرگەن سۈتكە ئوخشاش ياكى ئاق رەڭلىك دۇفۇ تىرىسىدەك بەزىدە سۇدەك ياكى يىرىڭدەك ئاق خۇن كىلىدۇ.

جىنسى يولىنىڭ سرتىغا بىر قەۋەت ئاق كىچىك پەرىدىگە ئوخشايدىغان ئاجرالمىلار چاپلىشىپ تۇرىدۇ.سۈرتسە ئاسان چىقمايدۇ.،سۈرتۈپ چىقىرۋەتكەندىن كىيىن جىنسى يولدا شىللىق پەردىسى قىزىرىپ ئششىيدۇ ياكى ئازراق قانايدۇ.

سۈيدۇك قېتىم سانى كۆپيىش سىيگەندە جىنسى مۇناسۋەت قىلغاندا ئاغىرىش كۆرۈلىدۇ.

دىئاگنوز:

تىپىك كىلنىك ئپادىلىرى،كىسەللىك تارخى،تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگوز قويۇشتىن سىرىت سۇۋالما ئلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئالدىنى ئېلش :

تازىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بولۇپمۇ دىئابت كېسلى ۋە ھامىلدارلار تاشقى جىنسى ئەزالارنى پاكىز تۇتۇشقا ئلاھىدە دىققەت قىلىش.كەڭ دائىرلىك ئانتىوبوتىك ۋە ھورمونلارنى ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئاياللار بولۇمىدە ئىشلىتىدىغان ھەرخل سايمانلارنىڭ دىزىنفىكسيە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش .

داۋالاش:

جىنسى يولنىڭ ئشقارلىق خۇسۇسيتىنى ئاشۇرۇش،ياللۇغ قايتۇرۇش،قىچىشىشنى پەسەتىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button