ئاياللار كېسەللىكى
تامىقى ئاز ئاياللار ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ
تامىقى ئاز ئۇرۇق ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ياغ ھەم ئاقسىلنىڭ تەمىنلىشى يېتەرسىز بولغاچقا ، چېچى تەدرىجى چۈشۈپ پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ . تاماقنى ھەددىدىن زىيادە ئاز يىگەندە ئۇنتۇغاق بولۇپ ، سۆڭەك بوشىشىش ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاشقازان ساڭگىلاش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ . ئېغىرلاشقاندا ، جىگەر ، تال ، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ ساڭگىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ .
ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەندە ، بالىياتقۇنىڭ نورمال ئورنى جىنسى يولنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ ، ھەتتا جىنسى يولنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ ، ئېغىر بولغاندا بالىياتقۇ بوينى ياللۇغلىنىدۇ .