ئاياللارنىڭ 287 كۈنى كىيىم تاللاش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىكەن
ئاياللار ھەر كۈنى سىرتقا قانداق كىيىم كىيىپ چىقىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىكەن، ئەمدى ئۇلار ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرمىسا بولمايدىغان چاغ كەلگەندەك قىلىدۇ، چۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇنداق كىيىم تاللاشقا سەرپ بولغان ۋاقىت يىغىلسا بىر يىلغا يېقىنلىشىپ قالىدىكەن.
ئەنگلىيىدىكى مەلۇم بىر كىيىم – كېچەك شىركىتى 2500 ئايالنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يازغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاياللار ئىشقا بېرىش، كەچلىك سەيلىگە چىقىش، كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش، دەم ئېلىشقا بېرىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيىغا بېرىشتىن ئاۋۋال كىيىم تاللاشقا خېلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن. 16 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان مەزگىلىدىكى كىيىم تاللاشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىنى يىغقاندا، بۇ ۋاقىت 287 كۈنگە باراۋەرلىشىدىكەن.
بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: پەقەت ئەتىگەنلىك كىيىم تاللاش ۋاقتىنى تىلغا ئالساق، ئاياللار دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمەگىچە ھەر كۈنى كىيىم تاللاشقا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىنۇت سەرپ قىلىدىكەن، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى 14 مىنۇت ۋاقتىنى كىيىم تاللاشقا ئاجرىتىدىكەن، ئەمما كەچلىكى سىرتقا چىقماقچى بولسا بۇ ۋاقىت 20 مىنۇتقا ئۇزىرايدىكەن، ھېيىت، بايراملاردا نېمە كىيىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا كېتىدىغان ۋاقىت 52 مىنۇتقا بارىدىكەن. كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش، ھېيت، بايراملىق يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن، پەقەت كىيىم تاللاشقىلا 36 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئىككى ئايالنىڭ بىر ئاخشىمى ‹‹ئەتە قانداق كىيىم كىيىمەن؟›› دېگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئاز بولغاندىمۇ 15 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن.