ئاياللار كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ

سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش-دوختۇرلار ئەسۋابنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈپ شۈمۈرۈش ياكى قىرىپ ئېلىش ئارقىلىق ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئوپراتسىيە ئادەتتە ھامىلدارلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى تولۇقلاش تەدبىرى بولۇپ، ئامالسىز ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى ھەرگىز تۇغۇت چەكلەش ۋاستىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بىراق تۇرمۇشتا نۇرغۇن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار بىخەتەر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىغا سەل قاراپ، ھامىلدار بولۇپ قالسىلا، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالا چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىچىك قىزلاردىمۇ نىكاھتىن بۇرۇن جىنسى ئالاقە بولغاچق، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرىدۇ. ئۇلار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان ناچار ئاقىۋىتىنى ھەتتا بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ھورمۇن ئۆزگىرىش بەدەن ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زەخمىسى ۋە ئاغرىقنىلا ئويلىشىدۇ، ئەمما ئاغرىمايدىغان، قىچىشمايدىغان ھورمۇن ئۆزگىرىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى تونۇپ يەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تەن زەخمىسى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاغرىقمۇ بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما بىردىنبىر سىرلىق بولغان ئىچكى ئاجرالما ئۆزگىرىشىنىڭ بەدەنگە بولغان زەربىسى ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى كۈندە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. كونىلار تۇغۇت-پىشقان قوغۇننىڭ يەرگە چۈشىشىگە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ. بۇ تۇغۇتنىڭ تەبئىي فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەدەننىڭ بۇنىڭغا تولۇق ماسلىشىشچانلىقى ۋە تەييارلىقى بولىدۇ. بىراق ھامىلدارلىقنى توختاتقاندا بەدەندىكى ئىچكى ئاجرالمىلار سەۋىيىسى تېزدىن تۆەنلەپ كېتىدۇ. ئاستا-ئاستا ماسلىشىش جگريانى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ بەدەنگە يوشۇرۇن خاراكتېرلىك زەربە بولىدۇ. ئەگەر قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە، بەدەن ئېنىق ۋە يوشۇرۇن زەخمىگە ئۇچراپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا چېكىنىپ، بالدۇر قېرىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرگەندە بالىياتقۇنى قىرىش پاكىزە بولماسلىق ياكى بالىياتقۇ تېشىلىپ كېتىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن قاناش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىسى قىلىۋالماڭ
شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار جەزمەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىينى تولۇق تونۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىسى قىلىۋالماي، ئۆزىنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا ئاساسەن، دوختۇرغا زىچ ماسلىشىپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندە، ئاسانلا كۆپىيىش سېستىمىسى ئەگەشمە كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم (ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى)  ھامىلە چۈشۈرسە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزىگە يوشۇرۇن خەۋپ يېتىدۇ.
شۇڭا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش تەبئىي تۇغۇشقا ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى ھامىلدارلىقنى مەجبۇرى ئاخىرلاشتۇرۇش بولۇپ، كېيىنكىسى تەبئىي فىزىئولوگىيىلىك جەرياندۇر. ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ھورمۇننىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سۈت بېزىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەمچەكمۇ يوغىناپ تولىدۇ. ئەتراپتىكى پېگمىنتمۇ كۆپىيىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button