ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى
جىنسىي يول ياللۇغلىنىش بىلەن بىرگە قىزىرىش، ئىششىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
بۇ كېسەل كۆپىنچە ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللاردا پەيدا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ياشتىكى ئاياللاردا تۇخۇمدان خىزمىتى ئاجىزلاشقان، جىنسىي يولنىڭ يەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، جاراسىملارنىڭ كىرىپ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئەپلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپتىكى تۇخۇمداننى ئېلىۋەتكەن ئاياللاردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش جىنسىي يول ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، غەيرىي تەبىئىي سەپرا تەسىرىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، رەڭگى سارغۇچ سۇيۇق بولىدۇ. بەزىدە قان ئارىلاش ياكى يىرىڭلىق بولىدۇ، جىنسىي يول ئىچى كۆيگەندەك بىئاراملىق سېزىم پەيدا بولىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە جىنسىي يول شىللىق پەردىسىنىڭ يىگىلەپ نېپىزلىگەنلىكى قىزارغانلىقى سېزىلىدۇ ھەمدە ئۇششاق قاناش نۇقتىلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا جىنسىي يولنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
سەپرانىڭ غالىپلىقىدىن بولسا سەپرانىڭ مۇنزىجىنى بېرىپ داۋالاش كېرەك، ئەەەر باشقا سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.