ئاق خۇن كۆپ كېلىش
بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي ئەزادىن ئاق سېرىققا مايىل سۇيۇقلۇق چىقىش ۋە بەزىلىرىدە بۇ خىل سۇيۇقلۇق سېسىق پۇراقلىق بىلەن كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشى، قان ئازلىق، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، كىچىك ھامىلىدار بولۇش، كۆپ بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ ئىششىقى، جىنسىي يول ياللۇغلىنىش، بالىياتقۇ يارىسى، سىبلىس، سىزلام، غەم-ئەندىشە قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
سۇيۇقلۇق ئاقىدىغان ئورۇن ئېتىبارى بىلەن بۇ كېسەل تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.
1. جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى قىسمىدىن سۇيۇقلۇق چىقىدۇ.
2. جىنسىي ئەزانىڭ ئىچكى قىسمىدىن سۇيۇقلۇق چىقىدۇ.
3. بالىياتقۇ بوينىدىن سۇيۇقلۇق چىقىدۇ.
4. بالىياتقۇ ئىچكى قىسمىدىن سۇيۇقلۇق چىقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزادا قىچىشىش بولۇپ، سېرىققا مايىل ئاق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. بەلدە ۋە داس قىسمىدا ئېغىر ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ. ئارقا-ئارقىدىن سۈيدۈك قىستايدۇ، روھى چۈشكۈن، ھورۇن، ئىشقا قىزىقمايدىغان، بەدىنى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. ھەيز كۈنلىرىدە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ. بۇ كېسەل مەۋجۇتلۇق سەۋەبىدىن ئايال ھامىلىدار بولمايدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولسا بۇ كېسەل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قايتا پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جىنسىي ئەزانىڭ ئىچكى قىسمىدا قىچىشىش ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. سۇيۇقلۇق كۆپ مىقداردا ئېقىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ كېسەل تۆت خىلىتنىڭ مەلۇم بىرسىنىڭ بۇزۇلغىنىدىن پەيدا بولسا ھەربىر خىلىتنىڭ مەخسۇس ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر باشقا كېسەللىكلەر بۇنىڭغا سەۋەبچى بولسا بۇ كېسەلنىڭ دەسلىپىدە شۇخىل كېسەل بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ.
جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى قىسمىدىن ئاققان سۇيۇقلۇقنىڭ بەلگىسى كۆپىنچە ياش ئاياللاردا بولىدۇ. جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى قىسمىدىن چاپلاشقاق، پارقىراق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ سۇيۇقلۇق كۆپ مىقداردا چىقسا ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىدا توپلىشىپ قېتىپ قالىدۇ.
يېڭى توي قىلغان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، كېسەلنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا قىچىشىش، ئېچىشىش سېزىمى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاققا مايىل سېرىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ياشانغان ئاياللاردا بۇ خىل سۇيۇقلۇق چىقسا داۋالاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى ياشانغانلاردا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بولۇلشى نورمال ھېسابلىنىدۇ.
بۇخىل كېسەللىك بىر نەچچە بالا تۇغقان ئاياللاردا پەيدا بولىدۇ. بىماردا تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئوخشاش بىرخىل چاپلاشقاق، پارقىراق، قويۇق بىرخىل سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى قان ياكى يىرىڭ ئارىلاشقان سەۋەبتىن قىزىل ياكى سېرىق رەڭلىك كېلىدۇ. بۇ خىل كېسەل كۆپىنچى سىزلامنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.
توي قىلمىغان قىزلار ياكى يېڭى توي قىلغان ئاياللاردا پەيدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەيز مۇددىتى توشقاندا بالىياتقۇدىن تۇخۇمنىڭ ئېقىدەك سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. لېكىن ئارتۇق چاپلاشقاق ئەمەس، ئەگەر بۇ كېسەل سوزۇلما بولسا، ئاققان سۇيۇقلۇقنىڭ رەڭگى توق سېرىق بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
بىمارنىڭ نورمالنى ساغلاملىقىنى قوغداش بىلەن قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، پىشقان مېۋە ۋە ئالاھىدە غىزالار بىلەن بېقىش، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۆچكىنىڭ جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ يېگۈزۈش، جىنسىي ئەزا تازىلىقغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش، سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆتكۈر كەيپىياتى بىلەن جىنسىي ئەزانى يۇيۇپ تۇرۇش ھەمدە كېسەلنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى ئېنىقلاپ شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.
ئەگەردە بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ غالىپلىقى ياكى بۇزۇلۇشىدىن بۇ كېسەل پەيدا بولغان بولسا، قائىدە بويىچە شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىج ۋە مۇسھىللىرىنى بېرىپ تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
كالا گۆشى، لازا-ئاچچىقسۇ، سامساق، تۇخۇم پوشكىلى قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ۋە يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.